ئامېرىكانىڭ باج كەچۈرۈمىگە ئېرىشكەن بىر كۈنتاختا زاۋۇتى مەجبۇرىي ئەمگەككە ۋاسىتىلىك چېتىلىپ قالغان

ئامېرىكانىڭ جورجىيا ئىشتاتىدا كۈنتاختا ياسايدىغان زاۋۇت قۇرغان خەنۋا (Hanwha) شىركىتى ئامېرىكانىڭ 230 مىليون دوللارلىق فېدىرال باج كەچۈرۈمىگە ئېرىشكەن. مۇشۇنداق ماڭسا، 2032-يىلىغا بارغاندا 900 مىليون دوللارلىق كەچۈرۈمگە ئېرىشىدىكەن. ئەمما بۇ شىركەتنىڭ مال تەمىنلىگۈچىسى خىتايدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىقى بولغان بىر شىركەت ئىكەن.

«بلومبېرگ خەۋەرلىرى» تورىنىڭ 9-ئىيۇل بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، جەنۇبى كورېيەنىڭ خەنۋا شىركىتى 2019-يىل جورجىيا ئىشتاتىغا Qcells كۈنتاختا زاۋۇتى قۇرۇپ ئىش باشلىغان بولۇپ، ئۆتكەن يىل ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى بىر قاتلىغان، ئەمما ئۇلار كۈنتاختىنىڭ ئاساسلىق ماتېرىيالىنى خىتايدىن ئەكەلدۈرگەن. ئىلگىرى مەلۇم بولمىغان خىتاي ھۆججەتلىرىدە ئاشكارىلىنىشىچە، خەنۋا شىركىتىگە مال تەمىنلەيدىغان ئىككى خىتاي شىركىتى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق دەپ چەكلىگەن شىركەتلەردىن كىرىستاللىق كىرىمنىي سېتىۋالغان. ئامېرىكانىڭ قانۇنىغا كۆرە، مال تەمىنلەش زەنجىرىگە چېتىلغان ھەر قانداق خىتاي شىركىتىنىڭ مېلى ئامېرىكاغا كىرەلمەيدىكەن.

خەنۋا شىركىتىنىڭ Qcells كۈنتاختا زاۋۇتى بايدىن ھۆكۈمىتى تەرەققىي قىلدۇرماقچى بولغان يېشىل ئېنېرگىيە كەسىپلىرى پىلانىنىڭ ئىچىدە ئىكەن. گەرچە بۇ شىركەت مەجبۇرىي ئەمگەك ئامىللىرىدىن يىراق تۇرىدىغانلىقىغا كاپالەت بەرگەن بولسىمۇ، ئۆزىنىڭ مەھسۇلاتىغا خىتايدىن سېتىۋالغان كىرىستاللىق كىرىمنىي ئىشلەتكەنلىكى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلىمىغان.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، Qcells كۈنتاختا زاۋۇتى ئامېرىكادىكى تۇرالغۇ ئۆي ۋە سودا بىنالىرىنى كۈنتاختا بىلەن تەمىنلەيدىغان ئەڭ چوڭ ئورۇن بولۇپ، تېسلا شىركىتىنىڭ كۈنتاختا مۇلازىمىتى ئۈچۈنمۇ مەھسۇلات تەمىنلەيدىكەن. ئەمما خىتاي شىركەتلىرى ئۇلارنى ماتېرىيال بىلەن تەمىنلەيدىكەن. كۈنتاختا ساھەسىدىكى كۆزەتكۈچىلەر ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسىنى ئۇلارنى تەكشۈرۈشكە چاقىرغان.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، نۆۋەتتە خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلغان كىرىستاللىق كىرىمنى دۇنيا بازىرىنىڭ 80 پىرسەنتىنى ئىگىلىگەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈچتىن بىرى ئۇيغۇر رايونىدا ئىشلىنىدىكەن. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىدا ئىشلەنگەن كۈنتاختا ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق مەھسۇلات دەپ بېكىتكەن ۋە 2022-يىل 6-ئايدىن باشلاپ ئامېرىكا بازىرىغا كىرىشىنى چەكلىگەنىدى.