ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيو ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى خىتاينىڭ «تېمۇ» ۋە «شىيىن» ناملىق پارچە سېتىش تور بەتلىرىنى تەكشۈرۈشكە چاقىرغان.
سېناتور ماركو رۇبىيو 16-ئاپرىل كۈنى ئامېرىكا ئانا ۋەتەن خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى (DHS) نىڭ مىنىستىرى ئالېخاندرو مايوركاس (Alejandro Mayorkas) قا خەت ئەۋەتىپ، ئۇنىڭدىن خىتاينىڭ «شېيىن» ۋە «تېمۇ» تور بەتلىرىنى تەكشۈرۈشىنى تەلەپ قىلغان. ئۇ خېتىدە، «نۇرغۇن خۇسۇسىي ئورگانلار ۋە ژۇرنالىستلارنىڭ ‹شېيىن› بىلەن ‹تېمۇ› نىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن ياسالغان تاۋارلارنىڭ ئامېرىكا بازىرىغا كىرىشىگە يول ئېچىپ بېرىۋاتقانلىقىغا دائىر قايىل قىلارلىق پاكىتلارنى بايقىغانلىقى» نى ئەسكەرتكەن. ئۇ، «مەجبۇرىي ئەمگەككە تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىنى ئىجرا قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ ‹ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى› بويىچە چەكلىنىدىغان شىركەتلەر تىزىملىكىگە يېڭى ئورۇنلارنى قوشىدىغان ۋاقتى كەلدى، » دەپ تەكىتلىگەن.
ئۇ مۇنداق دېگەن: «‹شىيىن› بىلەن ‹تېمۇ› نىڭ ئامېرىكادىكى سودا يوچۇقلىرىنى ئوچۇق-ئاشكارا ئېكسپلاتاتسىيە قىلىشى ۋە بۇ شىركەتلەرنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ياسالغان تاۋارلارنى ئىمپورت قىلىشنى قولايلاشتۇرۇۋاتقانلىقىدەك ئېھتىماللىقنى نەزەردە تۇتۇپ، مەن سىزنىڭ بۇ شىركەتلەرنى دەرھال تەكشۈرۈشىڭىز ھەمدە ئۇلارنى فېدىراتسىيە قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىش بىلەن قارا تىزىملىككە ئېلىشىڭىزنى تەلەپ قىلىمەن. »
خىتاينىڭ «تىمۇ» ۋە «شىيىن» قاتارلىق پارچە سېتىش تور بەتلىرىنىڭ ئامېرىكا تاموژناسىنىڭ قىممىتى 800 دوللاردىن تۆۋەن يوللانمىلارنى تەكشۈرمەسلىك ھەققىدىكى قائىدىسىدىن پايدىلىنىپ، مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن بۇلغانغان مەھسۇلاتلارنى ئامېرىكالىق ئىستېمالچىلارغا سېتىۋاتقانلىقى كۈچلۈك دىققەت قوزغاۋاتقان مەسىلە بولۇپ قالغان ئىدى. بۇ ساھەگە مۇناسىۋەتلىك شەخس ۋە ئورۇنلارنىڭ ھازىر ئامېرىكا قانۇنىدىكى بۇ يوچۇقنى ئېتىش ئۈچۈن ئاكتىپ ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم.