تەتقىقاتچى رۇنى ستېنبېرگ ئۇيغۇر رايونىدا ئۈچ خىل مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى

«مېدىيازون» (Mediazona) تاراتقۇسى ئىلگىرى ئۇيغۇر دىيارىدا تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغان ئىنسانشۇناس رۇنى ستېنبېرگ (Runi Steenberg) بىلەن نۆۋەتتە ئۇيغۇر رايونىدا داۋاملىشىۋاتقان ھەر خىل شەكىلدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك ھەققىدە سۆھبەت ئۆتكۈزگەن.

«ياۋرو ئاسىيا تورى» 16-ئىيۇل ئېلان قىلغان بۇ سۆھبەتتە، رۇنى ستېنبېرگ گېرمانىيە مۇخبىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئۇيغۇر رايونىدىن چىقىدىغان پاختا ۋە كىيىم-كېچەك مەھسۇلاتلىرىغا چېتىلىدىغان مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىنى تەكشۈرگەنلىكىنى، «قايتا تەربىيەلەش» نامىدا قۇل ئەمگىكىگە سېلىنغان بىر كىشىنى زىيارەت قىلغانلىقىنى، خىتايدىكى ئەمگەك كۈچىنى يۆتكەش پىلانى ھەققىدىمۇ مەلۇم ئۇچۇرلارغا ئېرىشكەنلىكىنى ئېيتقان.

رۇنى ستېنبېرگ ئۇيغۇر رايونىدا ئۈچ خىل مەجبۇرىي ئەمگەك شەكلى مەۋجۇتلۇقىنى، ھەممىسىدە مەجبۇرلاش، زورلاش بارلىقىنى، ئەڭ ئېغىر قۇل ئەمگىكىنىڭ تۈرمە مەھبۇسلىرىنى ئىشلىتىش ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ نەچچە ئون يىل ئېغىر ئەمگەككە سېلىنىدىغانلىقىنى، شارائىتلىرىنىڭ بەكمۇ ناچار ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇلارغا ھېچقانداق ھەق بېرىلمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان.

رۇنى ستېنبېرگنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىككىنچى تۈردىكى كىشىلەر لاگېردىلا ئىشقا سېلىنىدىكەن. بەزىلىرى لاگېردىن زاۋۇتلارغا توشۇپ ئاپىرىلىپ ئىشقا سېلىنىدىكەن، ئۇلار يېپىق شەكىللىك بۇ زاۋۇتلاردا كىيىم-كېچەك، يېمەك-ئىچمەك ۋە باشقا بۇيۇملارنى ئىشلەپچىقىرىشقا سېلىنىدىكەن. ئۇلارغىمۇ ھەق بېرىلمەيدىكەن، ئەمما ئەھۋالى تۈرمە مەھبۇسلىرىغا باققاندا سەل ياخشى ئىكەن. تۈرمە ۋە لاگېر مەھبۇسلىرىدىن تەركىب تاپقان بۇ گۇرۇپپا كىشىلەر ئاساسەن رايوندىن چىقمايدىغان بولۇپ، تۈرمە ۋە لاگېر يېنىدىكى جايلاردا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىدىكەن.

ئۈچىنچى تۈردىكى كىشىلەر لاگېردىن چىقىپ زاۋۇتلاردا ئىشلەيدىكەن، بۇ ئۇلارنىڭ «ئازادلىققا چىقىشى» ھېسابلىنىدىكەن. ئۇلارنىڭ يەنە ئىچكىرى خىتايغا بېرىپ «ئىشلەش پۇرسىتى» بولىدىكەن، زاۋۇت بىلەن توختام ئىمزالايدىكەن، زاۋۇتتىن ھەق ئالىدىكەن، ئەمما بۇ ھەق بەكمۇ تۆۋەن ئىكەن. شارائىتلىرى تۈرمە بىلەن لاگېرغا باققاندا سەل ياخشى ئىكەن.

ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرى ھازىر كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ بازىرىنى قاپلىغان ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلات ۋە كىيىم-كېچەكلەرنىڭ ئاساسەن خىتايدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكتىن كەلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلمەكتە.