ئەنگلىيەلىك ئادۋوكاتلار ئورمانچىلىق نازارىتىنىڭ سابىق نازىرى مەمەت ئابدۇللانىڭ مەسىلىسىنى ب د ت غا ئېلىپ باردى

«چەتئەلدە ئادالەت» ناملىق ئەنگلىيەدىكى بىر ئادۋوكاتلار تەشكىلاتى ب د ت نىڭ خالىغانچە تۇتقۇن قىلىشقا قارشى تۇرۇش خىزمەت گۇرۇپپىسىغا ئەرز سۇنۇپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق نازارىتىنىڭ نازىرى مەمەت ئابدۇللانىڭ مەسىلىسىنى تەكشۈرۈشى ۋە ئۇنىڭ دەرھال قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلغان.

مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ 24-ئىيۇل ئېلان قىلغان باياناتىدا تەكىتلىشىچە، ئادۋوكات مايكېل پولاك «ب د ت نىڭ مەزكۇر ئورگانىنىڭ مەمەت ئابدۇللانىڭ دېلوسىنى تەكشۈرۈپ، 71 ياشلىق بۇ بوۋاينى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىشى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇنى قويۇپ بېرىشىگە تۈرتكە بولۇش ئۈمىدى پەيدا قىلىدۇ،» دېگەن.

سابىق نازىر مەمەت ئابدۇللا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2017-يىلى باشلانغان چوڭ تۇتقۇنىدا قولغا ئېلىنىپ، ئۆتكەن يىلى مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى ئاشكارىلانغان. خىتاينىڭ مەزكۇر تۇتقۇنىدا ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان 3 مىليوندەك يەرلىك خەلق لاگېرلارغا قامىلىپ، نۇرغۇن ئۇيغۇر كادىرلار، زىيالىيلار، دىنىي زاتلار، تىجارەتچىلەر ۋە جامائەت ئەربابلىرى باستۇرۇلۇش نىشانىغا ئايلانغان. ئادۋوكات مايكېل پولاكنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنى پەرزەنتلىرىنىڭ ئامېرىكادا ياشايدىغانلىقى سەۋەبلىك تۇتقۇن قىلغان ئىكەن.

ئادۋوكات پولاك باياناتىدا خىتايدا ئائىلىسى چەتئەلدە ياشايدىغان ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى ياكى گۆرۆگە تۇتۇلۇشى ئومۇميۈزلۈك ھادىسە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ: «دۇنيا ئاخىرى ئۇيغۇرلارغا نېمە ئىشلارنىڭ بولۇۋاتقانلىقىدا ئويغاندى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دائىرىلەر مەمەت ئەپەندىنىڭكىگە ئوخشاش مەسىلىلەردە دىققەتنىڭ ئۇلارغا بۇرالغانلىقىنى ھېس قىلىشى، مەمەت ئەپەندى ئائىلىسى بىلەن جەم بولۇشى، سەۋەبسىز قورقۇنچلۇق شارائىتتا تۇتۇپ تۇرۇلماسلىقى كېرەك،» دېگەن.