خىتاي سىياسىي قانۇن كومىتېتى باشلىقى مېڭ جيەنجۇ، 23-يانۋار ئېچىلغان مەملىكەتلىك سىياسىي قانۇن خىزمەت يىغىنىدا، تېررورلۇق ۋەقەلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تور بىخەتەرلىكىنى چىڭ تۇتۇش، پۇل- مۇئامىلە ئامانلىقى ۋە ئىجتىمائىي ۋەقەلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىقلارنى تەكىتلەپ، يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللارنىڭ پۈتكۈل خىتاي دۆلىتىگە تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان.
خىتاينىڭ «جۇڭگو ئاۋازى» رادىئوسىنىڭ 23-يانۋاردىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، مېڭ جيەنجۇ 2016-يىلى 1-يانۋاردىن باشلاپ خىتايدا يولغا قويۇلغان «تېررورلۇققا زەربە بېرىش قانۇنى» نىڭ قاتتىق ئىجرا قىلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، «دۆلىتىمىز نۆۋەتتە تېررورلۇق تەھدىتىگە ئۇچراۋاتىدۇ» دېگەن. ئۇ يەنە خىتاينىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغان يەنە بىر ئامىلنىڭ «خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىگە قارشى ئىنتېرنېت ئۇچۇرلىرى» ئىكەنلىكىنى، يۈز بېرىۋاتقان نۇرغۇنلىغان ئىجتىمائىي نارازىلىق ۋەقەلىرىگە توردىكى ئۇچۇرلار سەۋەب بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ ئىنتېرنېت ئۇچۇر بىخەتەرلىكىنى تەكىتلىگەن.
خەلقئارا تاراتقۇلاردا بېرىلىۋاتقان خەۋەرلەردە بولسا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يىللاردىن بۇيان «تېررورلۇققا زەربە بېرىش» نامىدا رايوندا يۈز بېرىۋاتقان نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنى باستۇرۇۋاتقانلىقى، «ئىنتېرنېت بىخەتەرلىكى» نامىدا، خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭ خەۋەرلىرىنى چەكلەش ۋە خىتايدىكى چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ خىتاي ۋەزىيىتى ھەققىدىكى خەۋەرلىرىنى كونترول قىلىش، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى، ئادۋوكاتلار ۋە ئەركىن يازارلارنى تۇتقۇن قىلىش قاتارلىق ۋاسىتىلەردىن پايدىلىنىپ، خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئۇچۇردىن پايدىلىنىش ۋە ئەركىن پىكىر قىلىش قاتارلىق كىشىلىك ھوقۇق ئەركىنلىكىنى بوغۇۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا.
