ئارخېئولوگلار قەدىمىي تارىملىقلارنىڭ بۇنىڭدىن 3500 يىل ئاۋۋال مېڭە ئوپېراتسىيەسى قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2015.02.05

يېقىندا ئارخېئولوگلار ئۇيغۇر ئىلىنىڭ كىچىك مىرەندىكى قەدىمىي قەبرىلەر توپىدىن 3500 يىل ئاۋۋال ياشىغان بىر ئايالنىڭ باش سۆڭىكىنى تاپقان. ئارخېئولوگلارنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بۇ ئايالنىڭ باش سۆڭىكىدە دىئامېتىرى 6 سانتىمېتىرلىق بىر يارا ئىزى بار.

يارا ئىزىنىڭ ئەتراپىدىكى توقۇلمىلارنىڭ ئەسلىگە كېلىش ئەھۋالىدىن قارىغاندا، 40 ياشلاردىكى بۇ ئايال 3500 يىل ئاۋۋال مېڭە ئوپېراتسىيەسى قىلىنغان. ئۇ ئوپېراتسىيەدىن كېيىن بىر ئاي ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇقراق ئۆمۈر كۆرگەن بولۇشى مۇمكىن.

بۇ پىكىرنى جىلىن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئارخېئولوگى جۇ خوڭ 1‏-فېۋرال چاقىرىلغان خىتاينىڭ مەملىكەتلىك يىللىق ئارخېئولوگىيە يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويغان. جۇ خوڭ كىچىك مىرەندىكى قەدىمىي قەبرىستانلىقنى قېزىشقا قاتناشقان خىتاي ئارخېئولوگلارنىڭ بىرى.

ئارخېئولوگلار ئۆتكەن يىلى 11‏-ئايدا كىچىك مىرەندىكى ئوخشاش قەبرىدىن دورا ۋە يېمەكلىكلەرنى قاتۇرۇشقا ئىشلىتىدىغان سۆڭەك يېلىمى‏-ژىلاتىن بايقىغان. بۇ دۇنيادا ھازىرغا قەدەر بايقالغان ئەڭ قەدىمىي ژىلاتىن، دەپ قارالغان ئىدى. كىچىك مىرەن كروران قەدىمىي شەھىرىنىڭ 175 غەربىيگە توغرا كېلىدۇ. مەزكۇر قەبرىستانلىقىنى 1934‏- يىلى شۋېتسىيەلىك ئارخېئولوگ فولك برېگمان بايقىغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.