«مالىيە ۋاقتى گېزىتى» خىتاينىڭ مەسچىتلەرنى ئۆزگەرتىشى ھەققىدە مۇھىم دوكلات ئېلان قىلدى

«مالىيە ۋاقتى گېزىتى» خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئىسلامغا قارشى يولغا قويغان سىياسەتلىرىنى، بولۇپمۇ مەسچىتلەرنى چېقىش ۋە ئۆزگەرتىش قىلمىشلىرىنى باشقا ئۆلكىلەرگىمۇ كېڭەيتىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلغان.

27-نويابىر كۈنى ئېلان قىلىنغان دوكلات خاراكتېرلىك خەۋەردە ئۇيغۇر ئېلى، بېيجىڭ، يۈننەن، گەنسۇ ۋە نىڭشىيا قاتارلىق ئۆلكە-شەھەرلەردىكى 2300 دىن ئارتۇق مەسچىت تەتقىق قىلىنغان ھەمدە ئۇلاردىكى ئۆزگىرىش رەسىم بىلەن كۆرسىتىپ بېرىلگەن.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، 2018-يىلىدىن تارتىپ 2023-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا خىتاي ھۆكۈمىتى مەسچىتلەرنىڭ تەڭدىن تولىسىنى يا پۈتۈنلەي ۋەيران قىلغان ياكى ئۇنىڭ ئەرەبچە مېمارچىلىق ئۇسلۇبىنى بۇزۇپ، ئۇلارنىڭ مۇنار ۋە گۈمبەزلىرىنى ئېلىۋەتكەن. بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلغان مۇتەخەسسىسلەر، بۇنىڭ «ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ خىتايدا غايىب بولۇشى» دىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەزكۇر دوكلات ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن كۈچلۈك دىققەت قوزغىماقتا. تارىخچى جەيمىس مىلۋارد «X» تىكى ئىنكاسىدا «ئىسلام دىنى خىتايدا مىڭ يىللاردىن بېرى مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن دىن بولسىمۇ، ئەمما شى جىنپىڭ ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇنى يوق قىلىشقا بەل باغلىغانلىقى» نى كۆرسىتىپ ئۆتكەن.

«مالىيە ۋاقتى گېزىتى» نىڭ دېيىشىچە، ئۇلار بېيجىڭغا جايلاشقان ۋە خىتاي بويىچە ئەڭ چوڭ مەسچىتلەرنىڭ بىرى بولغان دوۋدىيەن مەسچىتىنىڭ ئۆزگەرتىلىشى ھەققىدە يەرلىكلەرنىڭ ھەم شۇنداقلا بۇ مەسچىتكە كىرىدىغان تۇڭگان مۇسۇلمانلىرىنىڭ كۆز قارىشىنى ئالماقچى بولغان، بىراق ئۇلار ھۆكۈمەتنىڭ ئۆچ ئېلىشىدىن قورقۇپ جاۋاب بېرىشكە جۈرئەت قىلالمىغان.