ئۇيغۇر رايونىنىڭ قەشقەر ۋە خوتەن قاتارلىق جايلىرىدا ئېلىپ بېرىلغان مەسچىت چېقىش ۋەقەسى بۈگۈن نيۇيورك ۋاقتى گېزىتىدىمۇ ئېلان قىلىندى.
ۋەقە تۈركىيەدە ياشاۋاتقان بىر ئۇيغۇر مۇھاجىر تەمىنلىگەن يىپ ئۇچىغا ئاساسەن رادىئومىز تەرىپىدىن ئېنىقلانغان ۋە ۋەقەنى يەرلىك ساقچى ۋە خادىملار دەلىللىگەن ئىدى. نيويورك ۋاقتى گېزىتى مەزكۇر خەۋىرىدە، ئۇيغۇر رايونىدا مىڭلىغان مەسچىتنىڭ جامائەت بىخەتەرلىك نامى ئاستىدا چېقىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەندىن كېيىن، رادىيومىز بۇ ھەقتە بەرگەن ئىنگلىزچە خەۋەرنىڭ ئۇلىنىشىنى ئوقۇغۇچىلىرىغا تەقدىم قىلغان.
رادىيومىزنىڭ مەسچىت چېقىش ۋەقەسى ھەققىدىكى ئىنگلىزچە خەۋىرىدە، قەشقەردىكى بىر نامسىز ئوقۇتقۇچىنىڭ بايانلىرىغا ئورۇن بېرىلگەن. مەزكۇر ئوقۇتقۇچى بايانىدا مەسچىت چېقىش تەشۋىقاتىدا قوللىنىلغان ئەلالاشتۇرۇش ۋە جامائەت بىخەتەرلىكى دېگەن ئىبارىلەرنىڭ بىر پەرداز ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ پەقەت ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى، سىياسىي ئىرادىسى ۋە تۇرمۇش ئادىتىگە قارىتا ئېلىپ بېرىلغان ئاشكارا بىر ھۇجۇم ۋە ئېغىر بىر بۇزغۇنچىلىق ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.