خوتەن شەھەر مەركىزىدىكى بىر مەسچىت چېقىۋېتىلىپ ئورنىغا خىلتون مېھمانخانىسى سېلىنىشقا باشلانغان

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ خوتەن شەھەر مەركىزىدىكى بىر مەسچىتنى چېقىۋېتىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا خىلتون مېھمانخانىسى سېلىشقا باشلىغانلىقى ئاشكارلانغان. بۇ ئەھۋالنى ئەنگىلىيەدىكى «تېلېگراف» نىڭ مۇخبىرلىرى يېقىندا خوتەننى زىيارەت قىلغاندا بايقىغان. «تېلېگراف» گېزىتىنىڭ بىلدۈرىشىچە، ئەسلى بۇ مەسچىت 2018-يىلى چېقىۋېتىلگەن بولۇپ، ئۇنى «ئاۋسترالىيە ئىستىراتېگىيەلىك سىياسەت ئىنىستىتۇتى» سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرىدىن بايقىغان ئىكەن.

بۇ قېتىم «تېلېگراف» گېزىتىنىڭ مۇخبىرلىرى خوتەنگە بارغاندا بۇ مەسچىتنىڭ ئورنىغا خىلتون-خامپىتون مېھمانخانىسى سېلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن. خەۋەردە بۇ مەسچىتنىڭ ئ‍ورنىدا ھازىر مۇئەزىننىڭ ئەزان ئاۋازىنى قۇرۇلۇش ماشىنىلىرىنىڭ ئاۋازى ئالغانلىقى، بىر كىشىنىڭ بۇ ئورۇندا بۇرۇن مەسچىت بارلىقىنى ئېيتقانلىقى، ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا غايىب بولغان نۇرغۇن مەسچىت، تاۋاپگاھلارنىڭ پەقەت بىرسى ئ‍ىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

«ئاۋسترالىيە ئىستىراتېگىيەلىك سىياسەت ئىنىستىتۇتى» نىڭ ئ‍ۆتكەن يىلى ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى دوكلاتىدا، ئۇيغۇر ئېلىدا يېقىنقى بىر قانچە يىل ئىچىدە 16 مىڭ مەسچىتنىڭ چېقىپ تاشلانغانلىقى ياكى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

«تېلېگراف» گېزىتىنىڭ خەۋىرى دائىرىلەر ئۇيغۇر ئېلىدىكى كونا مەھەللىلەرنى «ئ‍ۆزگەرتىش» نى تېزلەتكەن مەزگىلدە ئېلان قىلىنغان. خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلىق تۇرالغۇ ئ‍ۆي ۋە قۇرۇلۇش نازارىتى 10-ئىيۇن ئاخبارات يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، «ياشانغانلار كۆپ، تارىخىي مەسىلىسى نۇرغۇن، زىددىيەت كۆپ كونا مەھەللىلەرنىڭ ئالدىنئاللا ئۆزگەرتىلىدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن.