17 يىللىق كېسىلگەن مەشھۇر تىبەت مەھبۇس مۇددەتتىن بىر يىل بۇرۇن قويۇپ بېرىلگەن

1996-يىلى بۆلگۈنچىلىك ۋە دۆلەت بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ 17 يىللىق كېسىلگەن تىبەت Jigme Gyatso يېقىندا يەنى مۇددەتتىن بىر يىل بۇرۇن قويۇپ بېرىلگەن.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، جىگمە گىيوتسا، تۈرمىدىكى چېغىدىمۇ خىتاي ساقچىلىرىغا باش ئەگمىگەن بولۇپ، قارا كامىرىدا تۇرۇپ «ياشىسۇن دالاي لاما» دەپ شوئار توۋلىغانلىقى ئۈچۈن جازا مۇددىتى 3 يىل ئۇزارتىلغان. ب د ت ئىنسان ھەقلىرى ئالىي كومىسسارى ناۋىي پىلاي خىتايدىكى تۈرمىلەر ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغاندا، خىتاي دائىرىلىرى گىياتسونى ناۋىي پىلاي بىلەن كۆرۈشۈشكە يول قويغان.

ئۇ تۈرمىدە ئۆزى ئۇچرىغان ۋە كۆزى كۆرگەن قىيىن-قىستاقلارنى ب د ت خادىمىغا ئىككىلەنمەي پاش قىلغان. ئۇنىڭ بۇ مەلۇماتلىرىدىن كېيىن، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى قاتارلىق تەشكىلاتلار بايانات ئېلان قىلىپ خىتاي ھۆكۈمىتىنى قىيىن-قىستاقنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى ۋە گياتسو قاتارلىق مەھبۇسلارنى تۈرمىدىن قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان.

تۈرمە ئىچىدىكى قارشىلىقلىرى بىلەن خەلقئارا جامائەتكە تونۇلغان بۇ مەھبۇس، مۇددەتتىن ئاز دېگەندە بىر يىل بۇرۇن قويۇپ بېرىلىپ، يېقىندا گەنسۇدىكى يۇرتىغا يولغا سېلىنغان.