ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر ياشلار مەشرەپ كۇلۇبى دۆلەت مەجلىسىدە «ئۇيغۇر قانۇن لايىھەسى» ھەققىدە پائالىيەت ئېلىپ باردى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019.06.05

ئامېرىكادىكى «ئۇيغۇر ياشلار مەشرەپ كۇلۇبى» ناملىق ياشلار گۇرۇپپىسىنىڭ 30 دەك ئەزاسى ئۆتكەن ھەپتە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئاۋام ۋە كېڭەش پالاتا ئەزالىرىنى زىيارەت قىلىپ، ئۇلارنى «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھەسى» نى قوللاشقا ۋە ئۇنى تېزرەك ماقۇللاشقا ئۈندىگەن. نۆۋەتتە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئاۋام ۋە كېڭەش پالاتالىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا ئالاقىدار ئىككى قانۇن لايىھەسى ماقۇللىنىشنى كۈتۈپ تۇرماقتا.

مەزكۇر قانۇن لايىھەلىرىنىڭ بىرى يېقىندا كېڭەش پالاتاسىنىڭ تاشقى ئىشلار كومىتېتىدا ئاۋازغا قويۇلۇپ، بىردەك ماقۇللانغان. ئەمما ئۇنىڭ ئاۋام پالاتاسىدىكى نۇسخىسى تېخى كومىتېتلارنىڭ ئاۋاز بېرىشىگە قويۇلمىغانىدى. «ئامېرىكا ئاۋازى رادىيوسى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەشرەپ كۇلۇبىنىڭ قۇرغۇچىسى بەھرام سىنتاش باشچىلىقىدىكى ياشلار ئاۋام ۋە كېڭەش پالاتا ئەزالىرىنىڭ ئىشخانىلىرىغا كىرىپ، ئۇلارغا ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ۋە قانۇن لايىھەسىنى تېزرەك ماقۇللاشنىڭ زۆرۈرلىكىنى چۈشەندۈرگەن.

ئۇ، ئامېرىكانىڭ ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «بىز ئامېرىكانىڭ ئۆز ئۇيغۇرلار ۋەتىنىدە مەۋجۇتلۇقى ئۈمىدسىز كېلەچەككە دۇچ كېلىۋاتقان بىر ۋاقىتتتا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن دەس تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز. . . . . . . مەن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان بىر ئائىلىنىڭ ئەزاسى. مېنىڭ دادام جازا لاگېرلىرىدا تۇتۇپ تۇرۇلماقتا» دېگەن. بەھرام سىنتاشنىڭ دادىسى قۇربان مامۇت «شىنجاڭ مەدىنىيىتى» زھورنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى بولۇپ، ئۇ 2018‏-يىلنىڭ باشلىرىدا لاگىرغا ئېلىپ كېتىلگەن ئىدى.

بەھرام سىنتاش «ئامېرىكا ئاۋازى رادىيوسى» نىڭ مۇخبىرىغا قىلغان سۆزىدە يەنە، «بىز ئاۋازسىزلارنىڭ ئاۋازى بولۇشنى ئىستەيمىز. ئۇيغۇرلار ياردەمگە بولۇپمۇ، ئامېرىكالىقلارنىڭ ياردىمىگە ئېھتىياجلىق» دېگەن. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار كۆرۈشكەن دۆلەت مەجلىسىنىڭ خېلى كۆپ ئەزالىرى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھەسىنى قوللايدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن.

خەۋەردە يەنە كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى ئاسىيا بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى سوفىيە رىچاردسوننىڭ سۆزى نەقىل كەلتۈرۈلگەن. سوفىيە رىچاردسون ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھەسىنىڭ «پەۋقۇلئاددە» ۋە «تارىخىي خاراكتېرلىك» ئەھمىيىتى بارلىقىنى تەكىتلەپ، ئۇنىڭ كۆپ قىرلىق قانۇن لايىھەسى ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرىنى قوغداشتىن تارتىپ، خىتاي كارخالىرىنى ۋە ئەمەلدارلىرىنى جازالاشقىچە بولغان كۆپ خىل ساھەلەرگە چېتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.