مەسسى (Messi)نىڭ خوڭكوڭدا توپ مۇسابىقىسىگە چۈشمەسلىكى خىتاي تاراتقۇلىرىدا تەنقىدلەنگەن

دۇنياغا داڭلىق پۇتبول چولپىنى لىئونېل مەسسى (Lionel Messi) خوڭكوڭدىكى بىر مەيدان توپ مۇسابىقىسىدە مەيدانغا چۈشمەي، ياپونىيەدىكى دوستلۇق مۇسابىقىسىدە توپ ئوينىشى، خىتاينىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىغا دۇچ كەلگەن. خىتاي پۇتبول مەستانىلىرى مەسسىنىڭ ھەرىكىتىنى «قەستەن قىلىنغان ھاقارەت» دەپ قارىغان.

BBC نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، مەسسىنىڭ بۇ ھەرىكىتىگە پ خىتاي توپ مەستانىلىرىلا ئەمەس، بەلكى خوڭكوڭ ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ۋە خوڭكوڭ پارلامېنت ئەزالىرىمۇ ئىنكاس قايتۇرغان.

خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئاۋازى بولغان «يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» بولسا پۇتبولچى مەسسى ۋە ئۇ توپ ئوينايدىغان «ئىنتېر مايامى» (Inter Miami) كۇلۇبىنى ئەيىبلەپ، بۇنىڭ «خوڭكوڭنىڭ يۈزىگە داغ چۈشۈرۈشنى مەقسەت قىلغان سىياسىي غەرەزلىك ھەرىكەت» ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

خىتاينىڭ «يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» مۇنداق دەپ يازغان: «بىر قىسىم چوڭ قۇرۇقلۇق مەستانىلىرى تا شىنجاڭدىن خوڭكوڭغا 12 سائەت مۇساپىنى بېسىپ مەسسىنى كۆرۈش ئۈچۈن بارغان ئىدى. شۇڭا ھۆكۈمەتنىڭ ۋە توپ مەستانىلەرنىڭ ئۈمىدسىزلىنىشىنى چۈشىنىشكە بولىدۇ. بۇ ۋەقەنىڭ تەسىرى تەنتەربىيە ساھەسىدىن خېلىلا ئېشىپ كەتتى.»

BBC نىڭ دېيىشىچە، مەسسى 4-فېۋرال كۈنى خوڭكوڭدا مۇسابىقە باشلىنىشقا ئون مىنۇت قالغاندا يارىلانغانلىقىنى ئېيتىپ، مۇسابىقە بويىچە مەيداندىكى ئورۇندۇقتىن قوپمىغان. بىراق ئۇ 3 كۈندىن كېيىن توكيودىكى دوستلۇق مۇسابىقىسىدە توپ ئوينىغان.

خوڭكوڭ تەنتەربىيە مەيدانىدىكى تەخمىنەن 38 مىڭ توپ مەستانىسى يەكشەنبە كۈنىدىكى مۇسابىقە ئاخىرلاشقاندا «ئىنتېر مايامى» كۇلۇبىدىن بېلەت پۇلىنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي توپ مەستانىلىرى 36 ياشلىق ئارگېنتىنالىق دەرىجىدىن تاشقىرى چولپاننى كۆرۈش ئۈچۈن 4880 يۈەن خوڭكوڭ پۇلى، يەنى 624 دوللار تۆلىگەن ئىكەن.

BBC نىڭ دېيىشىچە، مەسسى ئۆتكەن يىلى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن بىر دوستلۇق مۇسابىقىسى ئۈچۈن بارغاندا ئىنتايىن قىزغىن كۈتۈۋېلىنغان. مەسسى ئوخشاش ۋاقىتتا يەنە خىتاينىڭ خۇاۋېي، چېرى، تېڭشۈن، مېڭنيۇ، چىشۈي دەرياسى ئۈزۈم ھارىقى ۋە J&T Express قاتارلىق خىتاي ماركىلىرىنىڭمۇ ئوبراز ۋەكىلى ئىكەن. ھالبۇكى، ئۇ بۇ قېتىم خوڭكوڭ دائىرىلىرىنىڭ ھېچ بولمىغاندا سەھنىگە چىقىپ تاماشىبىنلارغا سالام بېرىپ قويۇش ۋە لوڭقا تاپشۇرۇۋېلىش تەلەپلىرىگىمۇ قوشۇلمىغان. خوڭكوڭنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى جون لى مۇسابىقە تەشكىللىگۈچىلەردىن چۈشەندۈرۈش تەلەپ قىلغان.