خىتاي شىركەتلىرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ «مېۋە-چىۋە ماكانى» بولۇشتەك ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، خىتاي بازىرىنى ئىگىلەش بىلەن قالماي، دۇنيا بازىرىغىمۇ يۈرۈش قىلماقتا ئىكەن.
«خىتاي خەۋەرلىرى» تورىنىڭ 22-ئاۋغۇست چىقارغان خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۇيغۇر ئېلىدىكى «چىرۈي» بىئو-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى كورلا ئوبلاستى خوتۇنسۇمبۇل (خېجىڭ) ناھىيەسىدە زور كۆلەملىك ئالقات ئۆستۈرۈش بازىسى قۇرغان بولۇپ، ئالقاتنىڭ ئوزۇقلۇق ۋە ساغلاملىق قىممىتىدىن تولۇق پايدىلىنىش كويىغا كىرگەن. ئۇلار ئالقات مېۋىسىنى سېتىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، ئۇنىڭدىن ئالقات قىيامى، ئالقات چېيى، ھەتتا ئالقات قەھۋەسى قاتارلىق مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىپ، دۇنياغا يۈزلەندۈرۈش يولىغا ماڭغان. شىركەتنىڭ تەشۋىق قىلىشىچە، بۇ جايدا ئۆسكەن ئالقات كۈن نۇرىنى تولۇق كۆرگەن، دانىسى چوڭ، تاتلىق، سۈپەتلىك بولۇپ، سېتىلىشى ناھايىتى تېز ئىكەن. ئۇلار يەنە ئالقات مېۋىسىنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ئادەم ئىشلىتىپ قولدا ئۈزدۈرىدىكەن. ئۇلار 2019-يىلدىن بۇيان خىتاينىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا سوغۇق ساقلاش ئامبىرى، توپ تارقىتىش دۇكانلىرى قۇرغان بولۇپ، 10 نەچچە دۆلەتكە ئالقات ئېكسپورت قىلىدىكەن. نۆۋەتتە بۇ مەھسۇلاتنىڭ ئامېرىكا بازارلىرىغىمۇ كىرگەنلىكى بايقالماقتا.
ئۇيغۇر ئېلىدىن چىقىۋاتقان ھەر قانداق مەھسۇلاتنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن باغلىنىشى بارلىقى ۋە بۇ ساھەدە تەكشۈرۈش-دەلىللەشنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم. بۇ خەۋەردىن مەلۇم بولغىنىدەك، ئالقاتنى قولدا ئۈزۈپ قاچىلاشقا ئەمگەك كۈچى سېلىنغان، خەۋەردە گەرچە بۇ ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ يەرلىك دېھقانلار ئىكەنلىكى، شىركەتنىڭ ھەق بېرىپ ئۇلارنى نامراتلىق قۇتۇلدۇرغانلىقى تەشۋىق قىلىنسىمۇ، ئۇنىڭدا يەنىلا مەجبۇرىي ئەمگەك ئامىللىرى بارلىقى دىققەت قوزغىماقتا.