ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسى ئىزچىل دۇنيانىڭ زور دەرىجىدە دىققىتىنى قوزغاۋاتقان بولۇپ، يېقىندىن بۇيان بۇنىڭ بىر مۇھىم نۇقتىسى دۇنيا بويىچە ئەڭ پاكىز ۋە ساپ ئېنېرگىيە، دەپ قارىلىۋاتقان قۇياش ئېنېرگىيەسى ساھەسىگە مەركەزلىشىشكە باشلىدى.
قۇياش ئېنېرگىيەسىنىڭ دۇنيا مىقياسىدا ئومۇملىشىشى ھەمدە كىلىمات مەسىلىسىنىڭ دۇنياۋى مەسىلىگە ئايلىنىشىغا ئەگىشىپ بۇنىڭدىكى ئەڭ مۇھىم ھالقا بولغان ئېنېرگىيە تاختىسى (كۆك تاش) غا بولغان ئېھتىياج زور دەرىجىدە ئاشقان. بۇنىڭ بىلەن غايەت زور ساندىكى ئەرزان باھالىق كۆك تاشلار خىتايدىن ئىمپورت قىلىنىپ، خەلقئارا بازاردا يېتەكچى ئورۇننى ئىگىلىۋالغان. ئەمما يېقىندىن بۇيان خىتايدىن ئىمپورت قىلىنىۋاتقان بۇ تاختىلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش بىلەن زىچ باغلىنىشلىق ئىكەنلىكى كۆپلەپ مەلۇم بولغانلىقتىن، ھەرقايسى دۆلەتلەر بۇ خىلدىكى «زامانىۋى قۇللار ئەمگىكى» بەدىلىگە پۈتكەن پاكىز ئېنېرگىيە ۋاسىتىسىنى قوللىنىش ياكى قوللانماسلىق مەسىلىىسدە ئىككىلىنىپ قېلىشقا باشلىدى.
«تاشقى سىياسەت» ژۇرنىلىنىڭ 12-ئاپرېلدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتايدىن ئىمپورت قىلىنىۋاتقان كۆك تاشلارنىڭ باھاسى ئەرزان بولغانلىقتىن غەرب دۇنياسىدىكى بازاردا سېتىلىۋاتقان مەھسۇلاتلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى مۇشۇلار ئىگىلىگەن. بۇنىڭ بىلەن ئەرزان باھالىق كۆك تاشلار ئەرزان باھالىق پاكىز ئېنېرگىيە بەرپا قىلغان بولسىمۇ ئەمدىلىكتە بۇنىڭغا چىرمىشىپ كەتكەن مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىنى ھەرقايسى ساھەدىكى كىشىلەر «مەينەت مېھنەت» دەپ تەنقىد قىلماقتىكەن.
ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ خىل «ئىپلاس مېھنەت» يالغۇز ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش بىلەن تۈگىمەستىن يەنە ھەددىدىن زىيادە ئەرزان بولغانلىقى بىلەن غەرب دۇنياسىدىكى نۇرغۇن كۆك تاش زاۋۇتلىرىنى ۋەيران قىلىۋەتكەن. بۇ مەنىدىن ئالغاندا مەيلى ئۇيغۇرلار بولسۇن ياكى غەرب ئىستېمالچىلىرى بولسۇن بۇنىڭ قوشلاپ زىيىنىغا ئۇچرىماقتا ئىكەن.