مىشېل باچېلېت ئۇيغۇر ئېلىدىكى زىيارىتى داۋامىدا ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ يېنىدىن «ئايرىلمىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى مىشېل باچېلېت ئۇيغۇر ئېلىدىكى زىيارىتى مەزگىلىدە ئۆزىنىڭ تۇتقۇندىكى ئۇيغۇرلار ۋە ياكى ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى بىلەن كۆرۈشەلمىگەنلىكىنى، چۈنكى خىتاي ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ ئۆزىگە داۋاملىق ئەگىشىپ بىللە يۈرگەنلىكىنى ئېيتقان.

ئەنگىلىيەنىڭ «مۇھاپىزەتچى» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى نەتىجىسىز زىيارىتى سەۋەبىدىن كۈچلۈك تەنقىدلەرگە ئۇچرىغان ۋە يېقىندا ئۆزىنىڭ پېنسىيەگە چىقىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان باچېلىت خانىم، ھازىر جەنۋەدە ئۆتكۈزۈلىۋاتقان ب د ت 50-نۆۋەتلىك كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى مەزگىلىدىكى ئېلان قىلغان باياناتىدا ئۆزىنىڭ خىتايدىكى زىيارىتىگە «چەكلىمە قويۇلغانلىقى» نى بىلدۈرگەن.

ئۇ 15-ئىيۇن كۈنىدىكى باياناتىدا، «گۇاڭدۇڭدىكى زىيارىتىدە بىر قىسىم پۇقراۋى تەشكىلاتلار ۋەكىللىرى بىلەن ئايرىم كۆرۈشۈش پۇرسىتى بولغانلىقىنى، ئەمما ئۇيغۇر ئېلىدىكى زىيارىتى مەزگىلىدە ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ داۋاملىق ئۆزىگە ئەگىشىۋالغانلىقى» نى ئاشكارىلىغان.

ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن: «مەن قەشقەردىكى تۈرمىنى ۋە ‹ئاتالمىش كەسپىي مائارىپ ۋە تەربىيىلەش مەركىزى› نى زىيارەت قىلىپ، دائىرىلەر بىلەن سۆزلەشتىم. ئەمما مەن زىيارەت جەريانىدا ھازىر قولغا ئېلىنغان ھېچقانداق ئۇيغۇر ياكى ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى بىلەن پاراڭلىشالمىدىم. مەن بۇنى بۇرۇنلا پەرەز قىلغاچقا، زىيارىتىمدىن بۇرۇن ھازىر چەت ئەللەردە ياشاۋاتقان بىر قىسىم سابىق مەھبۇسلار ۋە يېقىنلىرى بىلەن ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان ئائىلىلەر بىلەن كۆرۈشكەن ئىدىم.»

ھالبۇكى، مىشېل باچېلېت خىتاينى زىيارەت قىلىش پىلانىنى ئېلان قىلغاندا نۇرغۇنلىغان كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ئۇنى بۇ زىيارەتتىن توسقان ئىدى. چۈنكى ئۇنىڭ خىتايدا مىليونلىغان ئۇيغۇرلار تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان لاگېرلار ۋە رايوندىكى باشقا تەقىپ سىستېمىلىرىنى ئەركىن-ئازادە زىيارەت قىلىشىغا يول قويۇلمايدىغانلىقىنى، ئەكسىچە بۇ «زىيارەت» ئارقىلىق خىتايغا ئۆز سىياسەتلىرىنى ئاقلاش پۇرسىتى بېرىپ قويۇدىغانلىقى توغرىلىق ئاگاھلاندۇرغان ئىدى.

مىشەل باچېلېتنىڭ خەلقئارادىكى شۇنچە چاقىرىقلارغا قۇلاق سالماستىن ئۇيغۇر رايونىغا «زىيارەت» كە بېرىشى ۋە نەتىجىسىسز قايتىپ كېلىشى، مىشېل باچېلېت ۋە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئوبرازىغا قاتتىق داغ تەگكۈزگەن. شۇ سەۋەبتىن مىشېل باچېلېت ۋە ئۇ ۋەكىللىك قىلغان ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۈچلۈك ئەيىبلەشلىرىگە ئۇچرىماقتا.