رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 19-سېنتەبىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قارمىقىدىكى «ئامېرىكا-خىتاي ئىستراتېگىيەلىك رىقابەت پەۋقۇلئاددە كومىتېتى» نىڭ رەئىسى مايك گاللاگېر (Mike Gallagher) ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېن (Antony Blinken) ۋە ۋەتەن بىخەتەرلىك مىنىستىرى ئالېخاندرو مايوركاس (Alejandro Mayorkas) قا ئوچۇق مەكتۇپ يوللاپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۇيگە جازا ئېلان قىلىشنى تەلەپ قىلغان.
ئۇلارنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان ئوچۇق مەكتۇپتا مايىك گاللاگېر ئەپەندى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 2020-ۋە 2021-يىلى رەسمىي قانۇنغا ئايلانغان «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇنى» ۋە «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نى قاتتىق ئىجرا قىلىشنى تەلەپ قىلغان. شۇنداقلا بۇ قانۇنلاردىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە ئۇيغۇر دىيارىدىكى قاباھەتلەرگە جاۋابكار بولغان خىتاي ئەمەلدارلىرىغا جازا ئېلان قىلىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن. ئوچۇق مەكتۇپتا گاللاگېر ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىرمۇ داۋام قىلىۋاتقان قىرغىنچىلىقىنىڭ سورىقى بولۇشى كېرەكلىكىنى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مىللەتلەرگە قارشى بولغان بۇ قىلمىشلارنى سادىر قىلىۋاتقان خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ سورىقىنى قىلىشى لازىملىقىنى، شۇنىڭدەك ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ خىتاي بىلەن بولىدىغان بىر تەرەپلىمە ۋە تېيىز ئالاقىسىنى دەپلا ئۆزلىرىنىڭ ئەخلاقىي يېتەكچىلىك ئورنىنى قۇربان قىلىۋەتسە بولمايدىغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتكەن.
ئوچۇق مەكتۇپتا ئەنە شۇ ئەھۋاللار بىر-بىرلەپ بايان قىلىنغاندىن كېيىن: «مەن ئالدى بىلەن ش ئۇ ئا ر پارتكومنىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۇيگە جازا ئېلان قىلىشىڭلارنى تەلەپ قىلىمەن. چۈنكى ما شىڭرۇي خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قارشى ھازىرمۇ داۋام قىلىۋاتقان قىرغىنچىلىقىنى باشلامچى بولۇپ ئەمەلگە ئاشۇرغان كىشىلەرنىڭ بىرى» دېگەن. شۇنىڭدەك بىڭتۈەن پارتكومىنىڭ سېكرېتارى لى يىفېي، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكوم سېكرېتارى خې جوڭيۇ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى جاڭ چۈنلىن، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ مىڭشەن قاتارلىق 37 شەخس ۋە شىركەتكىمۇ يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئىككى قانۇنغا بىنائەن جازا ئېلان قىلىش، ئۇنداق بولمىسا بۇنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈش تەلىپىنى بىلدۈرگەن.