مايك پومپېيو ئۇيغۇرلار ھەققىدە باش ماقالە ئېلان قىلدى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو ئاق سارايدىن ئايرىلىش ھارپىسىدا ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىجتىمائىي پاجىئەنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئىكەنلىكىنى جاكارلاش بىلەن بىرگە ئۆزىنىڭ «شىنجاڭدىكى قىرغىنچىلىق» تېمىىسىدىكى باش ماقالىسىنى «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىدە ئېلان قىلدى.

19-يانۋار چۈشتىن كېيىن ئېلان قىلىنغان بۇ باش ماقالىدا مايك پومپېيو خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 1950-يىللاردىن تارتىپ ئۇيغۇرلارغا زۇلۇم قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، ئەمما شۇنچە ئۇزۇنغىچە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مەسىلىگە سەل قاراپ كەلگەنلىكىنى تەنقىدلەپ: «بىز سۈكۈت قىلغانلىقىمىز ئۈچۈن خىتاي بەكلا ھەددىدىن ئېشىپ كەتتى. ئەمدى بۇنىڭغا داۋاملىق يول قويۇشقا بولمايدۇ» دەپ كۆرسەتتى.

ئۇ ماقالىسىدا يەنە نېمە ئۈچۈن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان نۆۋەتتىكى سىياسىي باستۇرۇش ھەركىتىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلق» دەپ بېكىتىشىدىكى سەۋەبلەر ھەققىدىمۇ تەپسىلى چۈشەنچە بەردى. شۇنداقلا بۇنىڭ نەچچە يىللارغا سوزۇلغان زور كۆلەملىك تەكشۈرۈش ھەمدە كۆپلىگەن ماددىي ئىسپاتلار ئاساسىدا يەكۈنلەنگەن خۇلاسە ئىكەنلىكىنىمۇ ئالاھىدە ئەسكەرتتى. بولۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىليونلىغان ئۇيغۇرنى لاگېرغا قاماشتىن سىرت يەنە ئۇلارنى روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىن ئىنسان بەرداشلىق بېرەلمەيدىغان دەرىجىدە قىينىشى، لاگېر سىرتىدا بولسا «ئورۋېلچە ئۇسلۇب» تىكى قاتتىق نازارەتنى ئىجرا قىلىشى، شۇنىڭدەك ئۇيغۇر قىز-چوكانلىرىنى مەجبۇرىي تۇغماس قىلىۋېتىشى ھەمدە ئۇلارنى خىتايلار بىلەن توي قىلىشقا مەجبۇرلىشى، ئۇيغۇر گۆدەكلىرىنى ئاتا-ئانىلىرىدىن جۇدا قىلىشى دېگەنلەرنىڭ ھەممىسى ئورتاق ھالدا «ئۇيغۇرلارنى تۈپ يىلتىزىدىن يوق قىلىۋېتىش» تەك قەبىھ مەقسەدنى كۆزلىگەنلىكى ھەققىدىمۇ تەپسىلى توختالدى.

ئامېرىكادا جوۋ بايدىن باشچىلىقىدىكى يېڭى ھۆكۈمەت ئىش باشلاش ھارپىسىدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنداق بىر دەۋر بۆلگۈچ قارارنى ئېلىشى پۈتۈن دۇنيادىكى ھەرقايسى چوڭ ئاخبارات ۋاستىلىرىدىن كەڭ يەر ئالدى. شۇنداقلا بۇنىڭ ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىدا ئاكتىپ رول ئوينايدىغانلىقى تەخمىن قىلىنىۋاتقانلىقى مەلۇم.