ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ جۇمھۇرىيەتچى ئەزالىرى بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ خۇاۋېي شىركىتىگە مىكرو ئۆزەك سېتىش قارارىنى تەنقىدلىگەن

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ جۇمھۇرىيەتچىلەردىن بولغان بىر قىسىم ئەزالىرى بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ خۇاۋېي شىركىتىگە مىكرو ئۆزەك سېتىپ بېرىش قارارىغا قارشى چىققان. ئۇلار بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قارارىنى تەنقىد قىلىپ، ئامېرىكا شىركەتلىرىنى خىتاينىڭ خۇاۋېي شىركىتىگە مىكرو ئۆزەك سېتىپ بەرمەسلىككە چاقىرغان.

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ھەربىي مۇلازىمەت كومىتېتىدىكى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ رەھبىرى مايك روجېرس بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان مەخسۇس باياناتىدا بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قارارىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن. ئۇ مۇنداق دېگەن: «بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ جاسۇسلۇق شېرىكى بولغان خۇاۋېيگە نەچچە يۈز مىليون دوللارلىق مىكرو ئۆزەك سېتىشنى تەستىقلىغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەر كىشىنى چۆچۈتىدۇ. . . مەن بۇ قارارنىڭ ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تېخىمۇ كۆپ زىيانلارنى ئېلىپ كېلىشتىن ئىلگىرى، بايدىن ھۆكۈمىتىنى دەرھال بۇ قارارىنى ئۆزگەرتىشكە چاقىرىمەن.»

دونالد ترامپتىن كېيىن ئاقسارايغا كىرگەن بايدېن ھۆكۈمىتى ئالدىنقى مەزگىللەردە خىتاينىڭ «خۇاۋېي» شىركىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قىسىم يۇقىرى تېخنىكا شىركەتلىرىنى ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان زۇلۇم خاراكتېرلىك تەقىبلەش ھەرىكىتىدىكى رولى سەۋەبلىك «قارا تىزىملىك» كە ئالغان ۋە ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ مەزكۇر شىركەتلەرگە ئىلغار تېخنىكا ۋە ئۈسكۈنىلەرنى سېتىپ بېرىشىنى چەكلىگەن ئىدى. ئەمما بۇ قېتىم بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ نېمە ئۈچۈن خۇاۋېي شىركىتىگە مىكرو ئۆزەك سېتىپ بېرىش قارارىنى ئالغانلىقىنىڭ سەۋەبى ئېنىق ئەمەس ئىكەن.