مىلاد بايرىمى مەزگىلىدە بېيجىڭدا بىخەتەرلىك ئەندىشىسى كۈچەيدى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2015.12.25

بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق غەرب ئەلچىخانىلىرىنىڭ مىلاد بايرىمى جەريانىدا چەتئەللىكلەرگە ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرىنىڭ كۆرۈلۈش ئېھتىماللىقى بارلىقى توغرىسىدىكى ئاگاھلاندۇرۇشلىرىدىن كېيىن، بېيجىڭ دائىرىلىرى بېيجىڭدىكى چەتئەللىكلەر تۇرىدىغان جايلار ۋە ئۇلار كۆپلەپ بارىدىغان بازارلارنىڭ ئەتراپىدىكى ساقچىلارنى كۆپەيتكەن.

ئالدىنقى كۈنى ئامېرىكا، ئەنگلىيە، فىرانسىيە ۋە باشقا بىر قىسىم چەتئەل ئەلچىخانىلىرى ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، مىلاد بايرىمى مەزگىلىدە سەنلىتۇن رايونىدا غەربلىكلەرنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچراش ئېھتىماللىقىنىڭ بارلىقى توغرىسىدا ئۇچۇر ئالغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بېيجىڭدىكى ئۆز دۆلىتى پۇقرالىرىنى بايرام مەزگىلىدە ھوشيار بولۇشقا چاقىرغان ئىدى.

بېيجىڭ ساقچى تارماقلىرىمۇ 24-دېكابىر كۈنى بايانات بېرىپ، مىلاد بايرىمى جەريانىدا بىخەتەرلىكنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن سېرىق رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش چىقارغانلىقىنى ئۇقتۇردى. سۈرەتلىك خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، 25-دېكابىر مىلاد بايرىمى كۈنىدە تولۇق قوراللانغان ساقچىلار بېيجىڭدىكى ئەلچىخانىلار رايونىدا بىر قىسىم ئەلچىخانىلارنىڭ ئەتراپىدا جىددىي چارلاش ئېلىپ بارغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.