خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى يىللاردا ئۇيغۇر دىيارىدا ئىزچىل داۋام قىلىپ كەلگەن قىرغىنچىلىقنىڭ بىر مۇھىم مەزمۇنى مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى بولۇپ، بۇنىڭدا ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت-سەنئەت ساھەسىدىكى ئەڭ سەرخىل تالانت ئىگىلىرى يوقىتىش ئوبيېكتى بولۇپ كەلگەنىدى. بۇ ھەقتىكى تەنقىدىي پىكىرلەرنىڭ كۆپلەپ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا ئەگىشىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قايتۇرما ئىنكاسلىرىمۇ تېگىشلىك يوسۇندا ئوخشىمىغان مۇنبەرلەردىن ئورۇن ئېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. ئەنە شۇ خىلدىكى ئىنكاسلارنىڭ بىرى قاتارىدا خىتاي ھۆكۈمىتى باشقۇرۇشىدىكى «تەڭرىتاغ» تورى 4-ئاپرېل كۈنى «شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى» نىڭ ساھىبخانىلىقىدا تۇنجى نۆۋەتلىك «شىنجاڭ مەدەنىيەت-سەنئەت مىللىي چالغۇلار مۇسابىقىسى» نىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى خەۋەر قىلغان.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، مۇسابىقىدە راۋاب، تەمبۈر، دومبۇرا، غىجەك، باربىت قاتارلىق چالغۇ ئەسۋابلىرى ئورۇنلانغان بولۇپ، 200 ماھىر ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتناشقان. خەۋەردە مۇسابىقە نەتىجىسىنىڭ 5-ئاپرېل كۈنى ئېلان قىلىنىدىغانلىقى ئېيتىلغان. ماھىرلاردىن مۇزىكا كەسپىدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچى ئەزىمەت تۇرسۇن مۇخبىرلارغا بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ «مەن راۋابىمدىن ياڭرىغان گۈزەل كۈيلەر ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ گۈزەللىكىنى كۆپچىلىككە نامايان قىلىشقا تىرىشتىم» دېگەن».
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇشۇ خىلدىكى خەۋەرلىرى يېقىنقى مەزگىللەردە كۆپىيىپ قېلىۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئالاھىدە تەكىتلەۋاتقان «شىنجاڭ ھەققىدىكى بايانلارنى ياخشى سۆزلەش» ھەققىدىكى يوليورۇقلار بىلەن ماس قەدەمدە مېڭىۋاتقانلىقى دىققەت قوزغاپ كەلمەكتە. بولۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر سەنئەت دۇنياسىنى خاراب قىلىۋاتقانلىقى كەسكىن تەنقىدلىنىۋاتقان شارائىتتا بۇنداق پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈشى ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىق قىلمىشىنى ئىنكار قىلىش ھەمدە «شىنجاڭدىكى ئىناق جەمئىيەت» مەنزىرىسىنى كۆپلەپ نامايان قىلىش ئۇرۇنۇشى، دەپ قارىلىۋاتقانلىقى مەلۇم.