«Byline Times» ناملىق ژورنال ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايدىكى ئەمگەك بازىرىدا كەمسىتىشكە ئۇچراش ئەھۋالىنى تەكشۈرگەن

«Byline Times» ناملىق ژورنال ئۇيغۇرلار خىزمەت تېپىشتا دۇچ كېلىدىغان ئايرىمىچىلىق ھەققىدە مەخسۇس تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان.

ئۇلار بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان خەۋەر ماقالىسدە ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايدىكى ئەمگەك بازىرىدا سىستىېمىلىق ھالدا كەمستىلىشكە ئۇچرايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئۇلار خىتايدا خىزمەت ئېلانلىرى چىقىدىغان «Liepin. com» ۋە «51job. com» قاتارلىق ئىككى چوڭ تور بەتنى ئانالىز قىلىپ، ئۇنىڭدىكى 55 پىرسەنتتىن كۆپرەك خىزمەت ئېلانىدا ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا ئۇيغۇر، تىبەت، تۇڭگان قاتارلىق مىللەتلەر قوبۇل قىلىنمايدۇ، دەپ يېزىلغانلىقىنى كۆرگەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ ئېلانلارنىڭ 24 پىرسەنتىدە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ «ئىشقا ئورۇنلىشىش نورمىسى» توشتى دېيىلگەن بولسا، بەزى ئېلانلاردا «ئادەم ئالغۇچى ئورۇنلار ئىسلامىي يېمەك-ئىچمەك ئادىتى بار كىشىلەرنى ئويلاشمايدىغانلىقى» نى ئوچۇق دېگەن. يەنى «پەقەت روزا تۇتمايدىغان ئاز سانلىق مىللەتلەرنىلا قوبۇل قىلىمىز» دەپ ئالاھىدە تەكىتلىگەن. تور بەتلەردىكى خىزمەت ئېلانلىرىنىڭ پەقەت 5 پىرسەنتىدىلا «ئاز سانلىق مىللەتلەر قوبۇل قىلىنىدۇ» دەپ يېزىلغان.

«Byline Times» ژورنىلى بۇ ھەقتە چەت ئەللەردىكى بىر قانچە ئۇيغۇر ياشنىڭ تەجرىبىلىرىنىمۇ ئورتاقلاشقان بولۇپ، ئۇلار بۇ ئۇيغۇر ياشلىرى دۇچ كەلگەن ئايرىمىچىلىقنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئورتاق بىر ۋەزىيەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

مەزكۇر ماقالىدە ئۇيغۇر كىشىىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تەتقىقاتچىسى ھېنرىي شاجېۋىسكىنىڭ سۆزىگىمۇ يەر بېرىلگەن بولۇپ، ئۇ سۆزىدە: «ئۇيغۇرلار خىزمەت تېپىشتا دۇچ كەلگەن كەمسىتىش ئۇلار دۇچ كېلىۋاتقان نۇرغۇنلىغان كەمسىتىش ۋە ئايرىمىچىلىقلار ئارىسىدىكى پەقەتلا بىرى،» دەپ تەكىتلىگەن.