گۇاڭجۇدا ئۇيغۇر يايمىكەشلەر بىلەن خىتاي خادىملىرى يەنە توقۇنۇشتى

خىتاينىڭ گۇاڭجۇ شەھىرى باشخۇا يولىدا جۈمە كۈنى ئۇيغۇر يايمىكەشلەر بىلەن خىتاي شەھەر باشقۇرۇش خادىملىرى ئارىسىدا يەنە توقۇنۇش يۈز بېرىپ، ئاز دېگەندە بىر ئۇيغۇر ئايال يارىلانغان. ۋەقەدە ئۇيغۇر يايمىكەشلەر نەچچە يۈز يەرلىك خىتاي ئاممىسى تەرىپىدىن قورشىۋېلىنغان.

مەزكۇر ۋەقە يېقىندا بىر ئائىلىلىك 3 نەپەر ئۇيغۇر تيەنئەنمېن مەيدانىغا ھۇجۇم قىلىپ زور غۇلغۇلا پەيدا قىلغان، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، 16‏-نويابىر 9 نەپەر ئۇيغۇر ياشنىڭ مارالبېشى ناھىيە سېرىقبۇيا بازىرىدىكى ساقچى پونكىتىغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇيغۇر -خىتاي مۇناسىۋىتى ئىنتايىن نازۇكلىشىپ كەتكەن پەيتتە يۈز بەردى.

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، شەھەر باشقۇرۇش خادىملىرى ئۇيغۇر يايمىكەشلەرنى قاتناشقا توسقۇنلۇق قىلدى، دەپ قوغلىغان. بىراق شەھەر باشقۇرۇش خادىملىرىنىڭ قوپال مۇئامىلىسى، ئۇيغۇر يايمىكەشلەرگە بىر خىل، خىتاي يايمىكەشلەرگە باشقا بىر خىل مۇئامىلە قىلىشى ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان، نارازىلىق ئارىدىكى توقۇنۇشقا ئايلانغان.

خىتاي دائىرىلىرى 28-ئۆكتەبىر تيەنئەنمېن ھۇجۇمىدىن كېيىن ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى ئۇيغۇرلارنى تەقىب قىلىشنى كۈچەيتكەن.

ئىچكىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇرلارغا كەمسىتىش خاراكتېرلىك تەكشۈرۈشنى يولغا قويۇپ، يەرلىك ئاھالىلەرنى ئۇيغۇرلارغا ياتاق، ئۆي ئىجارە بەرمەسلىككە، ئۇلارنى ساقچى پونكىتلىرىغا مەلۇم قىلىشقا ئاگاھلاندۇرغان.

گۇاڭجۇدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا يارىلانغان ئۇيغۇر يايمىكەش ئايالنىڭ ئەھۋالى مەلۇم ئەمەس.