خىتاي مەملىكەتلىك ياشلار پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ تەييارلىق مۇسابىقىسى 9-ئاپرېل نەنجىڭدە ئۆتكۈزۈلۈپ، ئۇيغۇر ئېلى كوماندىسى بىلەن جېجىياڭ كوماندىسى مۇسابىقىگە چۈشكەن. بىراق مۇسابىقىدە ئۇيغۇر ئېلى كوماندىسى قارشى تەرەپ پۇتبولچىسىنىڭ ئىرقىي كەمسىتىش خاراكتېرلىك ھاقارىتىگە ئۇچرىغان.
بۇ خىتاينىڭ «سىنا» قاتارلىق مىكروبولوگلىرىدا مۇنازىرە قوزغىغان.
«ئۇيغۇربىز» تورىنىڭ ئۇيغۇر كوماندا ئەزالىرى ۋە توپ مەستانىلىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، جېجىياڭ كوماندىسىنىڭ 4-نومۇرلۇق توپچىسى سۈن جېڭئاۋ، ئۇيغۇر پۇتبولچىلىرىنى «پەقەت ئوغرىلىق قىلىشنىلا بىلىدۇ»، «توپ تېپىشنى بىلمەيدۇ» دېگەن. ئۇيغۇر پۇتبولچىلار ئۆزىنى قاتتىق تۇتۇۋالغاچقا جېدەل چىقمىغان.
بىراق سۈن جېڭئاۋ توپ ئوينايدىغان خاڭجۇ «لۈچېڭ» (يېشىل قەلئە( پۇتبول كۇلۇبىنىڭ مەزكۇر ۋەقەگە بىلدۈرگەن ئىنكاسى توردا تەنقىدكە ئۇچرىدى. لۈچېڭ پۇتبول كۇلۇبى توردا بايان ئېلان قىلىپ: بىز دەرھال تەكشۈرۈش ئېلىپ باردۇق. بىزنىڭ پۇتبولچىنىڭ مۇسابىقىدە ئىناقلىققا پايدىسىز سۆز-ھەرىكەتلەردە بولمىغانلىقى ئىسپاتلاندى، دېگەن،
بىراق «ئۇيغۇربىز» تورىنىڭ خەۋىرىدە ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بەزى توپ مەستانىلىرى «لۇچېڭ» پۇتبول كۇلۇبىنىڭ باياناتى ئىشەنچلىك ئەمەس، دەپ قاراپ، بۇ ئىشنى مۇستەقىل بىر كومىتېت تەكشۈرۈشنى ۋە سۈن جېڭئاۋنىڭ ئىرقىي كەمسىتىش قىلمىشىنى قاتتىق جازالاشنى تەلەپ قىلغان.
ئاتاقلىق ئۇيغۇر پۇتبولچى بارى ئىلگىرى سۈن جېڭئاۋ توپ ئوينايدىغان خاڭجۇ «لۈچېڭ» پۇتبول كۇلۇبىدا توپ تەپكەن.
بىراق مەزكۇر كۇلۇب 2012 -يىلى 10-ئايدا بارىنىڭ ئىنتىزامسىزلىق قىلغانلىقى، نەچچە قېتىم مەشىققە چىقمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇنىڭ بىلەن تۈزگەن توختامنى بىكار قىلغان ۋە 35 مىڭ سوم جەرىمانە قويغان.