«ياپونىيە خەۋەرلىرى» تورىنىڭ 4-ئىيۇل بەرگەن خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكادىكى مىلۋاكى (Milwaukee) ئۈسكۈنىلىرى گۇرۇھىنىڭ بىر تارماق شىركىتى خىتايدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ياسالغان ئىش پەلىيىنى سېتىۋالغانلىقى ئۈچۈن ئەرز قىلىنغان.
7-ئاينىڭ 4-كۈنى ۋىسكانسون شتاتى سوتىغا سۇنۇلغان بۇ ئەرزنامىدە، بۇ ئىش پەلەيلىرىنى خىتايدا كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش پائالىيىتى قىلىپ تۇتۇلغانلارنىڭ ئىشلەپچىقارغانلىقى ئېيتىلغان ھەمدە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنغانلاردىن شۈ لۈن ئىسىملىك بىر خىتاينىڭ ئىسمى تىلغا ئېلىنغان. ئەرزنامىدە يەنە، «مىلۋاكى» ماركىسى بېسىلغان بۇ پەلەيلەرنىڭ تۈرمە مەھبۇسلىرى تەرىپىدىن ئىشلەپچىقىرىلغانلىقى ۋە ئوراپ قاچىلانغانلىقىنى «مىلۋاكى» شىركىتىنىڭ بىلىدىغانلىقى ياكى بىلىشى كېرەكلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
ئەرزنامىنىڭ بايانىدىن قارىغاندا، «مىلۋاكى» شىركىتىنىڭ خىتايدىكى مال تەمىنلىگۈچىسى خۇنەندىكى بىر تۈرمە مەھبۇسلىرىنى ئىشلەتكەن، مەھبۇسلار ئىنتايىن ناچار شارائىتتا، تىل-ھاقارەت ۋە خورلۇق ئاستىدا ئەمگەك قىلغان؛ ئەگەر ئىشلەشنى رەت قىلسا ياكى بەلگىلەنگەن ئۆلچەمنى ئورۇنلىمىسا تەھدىتكە ئۇچرىغان ھەم جازالانغان.
«مىلۋاكى» شىركىتى بۇ ھەقتە بايانات بېرىپ، بۇ ئىشنى ئۈچىنچى تەرەپ ئارقىلىق مۇستەقىل تەكشۈرگەن بولسىمۇ، پەلەيلەرنى ئىشلەپچىقىرىش ھالقىسىدا مەجبۇرىي ئەمگەك ئامىللىرىنىڭ بايقالمىغانلىقىنى جاكارلىغان.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتايدا قاماققا ئېلىنغانلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت بولۇپ، ئامېرىكا ئەمگەك مىنىستىرلىقى خىتايدا ئىشلەنگەن 16 تۈرلۈك مەھسۇلاتنى مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق دەپ بېكىتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە پەلەي ۋە باشقا توقۇلما بۇيۇملار بار ئىكەن.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى يەنە خىتاينىڭ ھۆكۈمەت ھامىيلىقىدىكى شىركەتلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنى قۇل قىلىشىغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن، 2022-يىل 6-ئايدىن بۇيان «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نى ئىجرا قىلىپ كەلمەكتە.