ئامېرىكا CNN تورىنىڭ 21-فېۋرال كۈنى بەرگەن خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، يېقىنقى مەزگىلدىن بۇيان، خىتاي شىركەتلىرى ئۆز ئالدىغا مىنبىڭ (خەلق ئەسكەرلىرى) قوشۇنى تەشكىللىگەن بولۇپ، بۇنىڭدا ھۆكۈمەتنىڭ قولى بارلىقى، شىركەتلەرنى كەلگۈسى ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىشقا، كوۋىدقا قارشى تۇرۇشقا ياكى ئاممىۋى توپىلاڭنى بېسىقتۇرۇشقا سەپەرۋەر قىلىۋاتقانلىقى توغرىسىدا خىلمۇ خىل پەرەزلەر ئوتتۇرىغا چىقماقتىكەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاي شىركەتلىرى خىتاينىڭ 1970-يىللاردىكى ۋەزىيىتىدىن ئۆرنەك ئېلىپ، «پىدائىيلار قوشۇنى» تەشكىللىگەن بولۇپ، ئاز دېگەندە 16 چوڭ شىركەت ئۆز ئالدىغا «جەڭ قىلىدىغان قىسىم» قۇرۇپ چىققان. بۇ قىسىمنىڭ نامى «خەلق قوراللىق قىسىم ئەترىتى» دەپ ئاتالغان. دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ «ئارقا سەپ قوشۇنى» ھېسابلانغان بۇ قىسىم، خىتاي ئارمىيەسىنىڭ ئارقا سېپىدىن ئورۇن ئالغان ۋە خىتاي ئارمىيەسىگە ياردەم بېرىدىغان قوشۇن بولۇپ، جەڭ قىلمىغان ۋاقىتلاردا تەبىئىي ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا ۋە «جەمئىيەت تەرتىپى» نى قوغداشقا ئاتلىنىدىكەن.
خەۋەردە تەھلىل قىلىنىشىچە، خىتاي ئىقتىسادىنىڭ ۋەيران بولۇش گىردابىغا كېلىپ قېلىشى، خەلقئارادىن خىتايغا كېلىۋاتقان بېسىم ۋە خىتاينىڭ ئىچكى قىسمىدىكى داۋالغۇشلار، شۇنداقلا كوۋىد مەزگىلىدىن كېيىن خىتايدا شەكىللەنگەن جەمئىيەت كرىزىسى خىتاي كومپارتىيەسىنى، خۇسۇسەن شى جىنپىڭنى ئېغىر ئەندىشىگە سالغان؛ نەتىجىدە خىتاي ھۆكۈمىتى دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدىكى شىركەتلەرگە يۆلىنىش ئارقىلىق قوراللىق كۈچىنى ئاشۇرماقچى بولغان؛ چۈنكى ئۇلار ئىقتىسادتىنمۇ بەكرەك مۇقىملىقنى ئويلاشقان، ئۆز ھاكىمىيىتىنى زورلۇق كۈچ بىلەن ساقلاشنى قوغلاشقان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.