خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي كونتروللۇقىنىڭ يەنە بىر ۋاستىسى يېقىندا يېزا ئاياللىرىنى تەشۋىقات خىزمىتىگە سېلىشتا ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان. «تەڭرىتاغ تورى» نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بۇ ئەھۋال «ئالاھىدە يېڭىلىق» سۈپىتىدە تىلغا ئېلىنغان.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، يەركەن ناھىيەلىك ھۆكۈمەت مىڭ كىشىلىك ئايال تەشۋىقاتچىلار قوشۇنى تەشكىللىگەن بولۇپ، بۇنىڭدا «پارتىيەگە راست گېپىنى ئېيتىش» مۇھىم تېما قىلىنىدىكەن. بۇ «مىڭ كىشىلىك تەشۋىقاتچىلار قوشۇنى» سەپەرۋەرلىك يىغىنىدا «پارتىيەگە بولغان چەكسىز مېھرى-مۇھەببىتىنى ئىپادىلەش ئارقىلىق جۇڭخۇا ئورتاق كىملىكى چۈشەنچىسىنى ئاياللار ۋە بالىلارنىڭ قەلبىگە ئورناشتۇرۇشقا كۈچ چىقىرىدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن.
مۇھاجىرەتتىكى ئانالىزچىلار بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ، بۇنىڭ ئىلگىرىكى يىللاردا ئەۋج ئالغان «ھەممىلا كىشى ئۆزىنىڭ بۇرۇنقى سىياسىي سەۋەنلىكلىرىنى پاش قىلىش» ھەركىتىنىڭ باشقىچە ۋارىيانتى ئىكەنلىكىنى، «پارتىيەگە راست گېپىنى قىلغان ئۇيغۇرنىڭ ئاقىۋىتى لاگىر بولىدىغانلىقى» نى ئالاھىدە ئەسكەرتتى. شۇنىڭدەك ئەرلىرىنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكى نامەلۇم بولغان بۇ ئاياللار قوشۇنى ئارقىلىق «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ‹جۇڭخۇا ئورتاق كىملىكى› چۈشەنچىسىنى ئومۇملاشتۇرماقچى بولۇشى سېپى ئۆزىدىن خىتايلاشتۇرۇشنى ئاشكارا تەرغىپ قىلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس،» دەپ كۆرسەتتى.