مىرزىيايېف بىلەن شى جىنپىڭنىڭ سۆھبىتى دىققەت قوزغىماقتا

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «شىنخۇا ‍ئاگېنتلىقى» نىڭ 24-يانۋاردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتى شاۋكەت مىرزىيايېف بېيجىڭدا خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشكەن ھەمدە مەخسۇس سۆھبەتتە بولغان.

سۆھبەتتە نۇقتىلىق قىلىپ «ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى ئومۇميۈزلۈك يۈكسەلدۈرۈش» مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىنغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ ئۆتكەن 32 يىللىق مۇساپىسىگە «يۈكسەك باھا بېرىش بىلەن بىرگە بۇنىڭدىن كېيىنكى ‹بىر بەلۋاغ بىر يول قۇرۇلۇشى› نىڭ غەلىبىسى ئۈچۈنمۇ ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشنىڭ مۇھىملىقى» نى ئالاھىدە تەكىتلىگەن. شۇنىڭدەك خىتاي تەرەپنىڭ ئۆزبېكىستانغا قارىتىلغان ئىمپورت ۋە ئېكسپورت مىقدارىنى كۆپەيتىش، بولۇپمۇ ئۆزبېكىستاننىڭ «ئېنېرگىيە ئەسلىھەلىرى قۇرۇشىغا ياردەملىشىش ۋە ئېلېكتر قۇۋۋەتلىك ئاپتوموبىلغا بولغان ئېھتىياجىنى زور كۈچ بىلەن قاندۇرۇش» قا تىرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. شۇنداقلا ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى مەدەنىيەت ۋە سەنئەت ئالاقىسىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ئۆزبېك ياشلىرىنىڭ خىتايدا ئوقۇشىغا شارائىت يارىتىپ بېرىش، ئۆزبېكىستاندا خىتايچە ئوقۇتۇش پروگراممىلىرىنى كېڭەيتىشنى ئوتتۇرىغا قويغان.

بۇنىڭدا جاۋابەن مىرزىيايېف ئۆزلىرىنىڭ «بۇنىڭدىن بەكمۇ شەرەپ ھېس قىلىدىغانلىقىنى، شۇنىڭدەك ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنى تېخىمۇ يۈكسەلدۈرۈشتىن ئالەمچە خۇشال بولۇۋاتقانلىقىنى» ئىپادىلىگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزبېكىستان بىلەن بولغان بۇ خىل «ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى» ئىلگىرىكى ۋاقىتلاردا خىتاينىڭ ئافرىقا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدىمۇ كۆپ قېتىم كۆرۈلگەن بولۇپ، بۇنىڭ ئاقىۋىتى خىتاينىڭ ھەرقاچان «قەرز دېپلوماتىيەسى» ئارقىلىق بۇ دۆلەتلەرگە «زامانىۋى بويۇنتۇرۇق سېلىشى» بىلەن ئاياغلاشقانلىقى مەلۇم. بولۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە ئىجرا قىلىۋاتقان «بىر بەلۋاغ بىر يول قۇرۇلۇشى» ئۈچۈنمۇ ئۆزبېكىستان مۇھىم ئۆتكۈنچى رايونلاردىن ھېسابلىنىدۇ.

ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى «تىنچلىق ئىنستىتۇتى» 2023-يىلى 25-ماي ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى ئانالىز دوكلاتىدا «خىتاي ھۆكۈمىتى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ئارقىلىق ئۆزنىڭ دۇنياۋى بىخەتەرلىك سىستېمىسىنى مۇستەھكەملەشنى خالايدۇ؛ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بولسا خىتاينىڭ مەبلىغىنى كىرگۈزۈش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىۋېلىشنى كۆزلەيدۇ» دەپ خۇلاسە چىقارغانىدى.