خىتاي دائىرىلىرى مىسىردىكى زوراۋانلىقىنى پەردازلاش ئۈچۈن ئىسكەندىرىيەدىمۇ ئويۇن قويدى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2017.07.12

ئۆتكەن ھەپتە مىسىردا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتىغا قارىتا تۇتقۇن داۋام قىلىۋاتقان مەزگىلدە، خىتاي دائىرىلىرى پايتەخت قاھىرەدە «جۇڭگونى چۈشىنىش» دېگەن تېمىدا مەدەنىيەت پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، ئاتالمىش شىنجاڭ سەنئىتى ۋە مۇزىكىسىنى كۆرگەزمە قىلغان ئىدى.

مىسىردىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىكى ھەققىدە خەلقئارا چاقىرىقلار ۋە قۇتقۇزۇش ھەرىكەتلىرى داۋام قىلىۋاتقان بۇ ھەپتە ئىچىدە، خىتاي تەرەپ مىسىرنىڭ ئىسكەندىرىيە شەھىرىدىمۇ يەنە شۇ خىل مەدەنىيەت پائالىيىتىنى ئۆتكۈزگەن. 10-ئىيۇل ئۆتكۈزۈلگەن بۇ پائالىيەتنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا خىتاي دۆلەتلىك ئاخبارات ئىشخانىسى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ۋە خىتاينىڭ مىسىر ئەلچىخانىسى ۋە ئىسكەندىرىيە رايونلۇق ھۆكۈمەت قاتارلىقلارنىڭ خادىملىرى ئىشتىراك قىلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، دائىرىلەر كۆرگەزمە پائالىيىتىدە ئاتالمىش كۆپ مىللەت مەدەنىيىتىنى تەشۋىق قىلىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ رايوندىكى ئىگىلىك ھوقۇقىنى ئىنكار قىلىشقا تىرىشسا، يەنە بىر تەرەپتىن رايون ۋەزىيىتىنىڭ تىنچ ۋە ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئۇرۇنغان. بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلغان ئامېرىكادا ياشاۋاتقان سىياسىي كۆزەتكۈچى ئۇچقۇنجان ئەپەندى، خىتاينىڭ ئىسكەندىرىيەدە قويغان ئويۇنىنى مىسىردا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا مىسىر ساقچىلىرى ئارقىلىق يۈرگۈزۈۋاتقان زوراۋانلىقىنى پەردازلاش ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

خىتاي دائىرىلىرى ئۆتكەن ھەپتە ئۇيغۇر رايونىدىكى قورچاق ئەمەلدارلاردىن ئەركىن تۇنىيازنى مىسىرغا ئەۋەتىپ ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدە مەلۇمات بەرگۈزگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.