خىتاي ھۆكۈمىتى مىسىردىكى خىتاي پۇقرالىرىنى «ئۇقۇشماسلىق» تىن ھېزى بولۇشقا چاقىردى
2017.07.13
مىسىردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەر توختىماي ئاشكارىلىنىۋاتقان بىر مەزگىلدە، مىسىردىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئۆز تور بېتىدە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، مىسىردىكى خىتاي پۇقرالىرىغا بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىش ھەققىدە يەنە بىر قېتىم چاقىرىق قىلغان.
ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دېيىلگەن: «مىسىردىكى خىتاي پۇقرالىرى چوقۇم ۋەزىيەتنى ياخشى كۆزىتىشى، مىسىرنىڭ بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشلىرىگە ھۆرمەت قىلىپ، ئۇنىڭغا ياخشى ماسلىشىپ، يېنىدا چوقۇم كىملىك ماتېرىياللىرىنى تولۇق ئېلىپ يۈرۈشى كېرەك. ئۇقۇشماسلىق يۈز بېرىپ، جىددىي ئەھۋال كېلىپ چىقىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى، ئامال بار دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرىغا، ئادەم جىق، سەزگۈر ئورۇنلارغا بارماسلىقى كېرەك.»
تۈنۈگۈن خىتاينىڭ مىسىر ئەلچىخانىسى ئۆز تور بېتىدە، مىسىردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنىش ۋەقەسىگە قارىتا تۇنجى قېتىم ئىزاھات خاراكتېرلىك بىر ئۇچۇرنى ئېلان قىلغان ئىدى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ سوئالى ۋە ئۇنىڭغا ئەلچىخانىنىڭ جاۋابى شەكلىدە بېرىلگەن ئۇچۇردا، شىنخۇا مۇخبىرى ئەلچىخانىدىن يېقىندا مىسىردىكى بىر تۈركۈم خىتاي پۇقرالىرىنىڭ، جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىغا قارىتا كۆز قارىشىنى سورىغان. ئەلچىخانا خادىمى تۇتقۇننىڭ سەۋەبىنى مىسىر ۋەزىيىتىگە باغلاپ چۈشەندۈرۈپ، دىققەت قىلىشىمىزچە، يېقىندىن بۇيان مىسىردىكى ئالاقىدار ئورگانلار، مىسىردا تۇرۇۋاتقان چەتئەللىكلەرنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتتى ۋە بىر قىسىم چەتئەللىكلەرنى تۇتتى، بۇنىڭ ئىچىدە جۇڭگولۇقلارمۇ بار ئىكەن، دەپ جاۋاب قايتۇرغان.
ھالبۇكى، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر خىتاي ئەلچىخانىسى بۇ بايانات ئارقىلىق مىسىردىكى تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇرلار قانۇنلۇق تۇرۇش رۇخسىتى بولمىغانلىقتىن تۇتقۇن قىلىندى، دېگەن بىر چۈشەنچىنى پەيدا قىلماقچى بولغان، دەپ قارىماقتا. دەرۋەقە، يېقىندىن بۇيان ئېلان قىلىنىۋاتقان خەلقئارا خەۋەرلەردە، خىتاي ھۆكۈمىتى بىرقانچە ئاي ئاۋۋال چەتئەللەردە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا يۇرتىغا قايتىش ھەققىدە بۇيرۇق چۈشۈرگەنلىكى، ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنى گۆرۈگە ئالغانلىقى، دوكتور ھەبىبۇللا توختى قاتارلىق ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرۈپ يۇرتىغا قايتقان ئۇيغۇرلارنىڭ تۈرمىگە ئېلىنغانلىقى مەلۇم بولغان ئىدى.