ئامېرىكىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان جەنۇبىي موڭغۇلىيە كىشىلىك ھوقۇق جەمئىيىتىنىڭ تورىدا خەۋەر قىلىنىشىچە، جەنۇبىي موڭغۇلىيەدە داۋام قىلىۋاتقان موڭغۇللارنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى نارازىلىق ھەرىكەتلىرى بارغانسېرى ئۇلغايماقتا.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، 30-يانۋار كۈنى 200 گە يېقىن موڭغۇل چارۋىچى دۇربەد باننەر ناھىيىسىدە توپلىنىپ نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزگەن. قوللىرىدا لوزۇنكا كۆتۈرگەن نامايىشچىلار، تارتىۋېلىنغان يايلاقلىرىنى قايتۇرۇپ بېرىشنى ۋە چىرىك ئەمەلدارلارنىڭ جازالىنىشىنى تەلەپ قىلغان. خىتاي تەرەپ نامايىش مەيدانىغا قوراللىق قىسىم ئەۋەتىپ نامايىشچىلارنى مەجبۇرىي تارقاقلاشتۇرغان ۋە شۇ كۈنكى نامايىشنىڭ يېتەكچى ۋە ئاكتىپ ئىشتىراكچىلىرىدىن جەمئىي 21 كىشى تۇتقۇن قىلىنىپ، بۇلاردىن 15 ئى قولغا ئېلىنغان. مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ ئەھۋال، موڭغۇللارنىڭ نارازىلىقىنى ھەسسىلەپ كۈچلەندۈرگەن.
مەزكۇر نامايىشتىن ئىلگىرى يەنە بىر قىسىم موڭغۇللار بېيجىڭ ۋە كۆكخوتتا كوللېكتىپ ئەرز سۇنۇش شەكلىدە نارازىلىق پائالىيىتى ئېلىپ بارغان، بۇ ھېچقانداق ئۈنۈم بەرمىگەندىن كېيىن، موڭغۇللارنىڭ نارازىلىق ھەرىكىتى دۇربەد باننەر قاتارلىق جايلاردا نامايىش شەكلىدە داۋام قىلماقتا.