خىتاي دائىرىلىرى يايلاق توقۇنۇشىدا قولغا ئېلىنغان موڭغۇل چارۋىچىلارنى سوتلىدى

خىتاي دائىرىلىرى پەيشەنبە كۈنى ئىچكى موڭغولنىڭ ئوڭغۇت ئايمىقىدا سوت ئېچىپ، 6 نەپەر موڭغۇل چارۋىچىنى سوتلىغان.

تۇلغۇر، تۇغۇسبايار، ناساندالاي قاتارلىق بۇ 6 نەپەر موڭغۇل چارۋىچى، خىتاي ئورمانچىلىق شىركىتىنىڭ موڭغوللار مال باقىدىغان ئوتلاقنى تارتىۋېلىشىغا قارشىلىق بىلدۈرۈپ، خىتاي ئورمانچىلىق ئىشچىلىرى بىلەن توقۇنۇشقانلىقى ئۈچۈن قولغا ئېلىنغان ئىدى.

خىتاي تەپتىش دائىرىلىرى بۇ ئالتەيلەننى «بۇزغۇنچىلىق قىلىش»، «مال-مۈلۈككە بۇزغۇنچىلىق سېلىش» بىلەن ئەيىبلىگەن.

بىراق، پەيشەنبە كۈنى ئېچىلغان سوتتا، دائىرىلەر بۇ 6 نەپەر موڭغۇل چارۋىچىنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتى ۋە ئۇرۇق -تۇغقانلىرى ۋە قوللىغۇچىلىرىدىن بولۇپ بىر يۈز كىشىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىغا ئۇچرىغان. ئۇلار، بۇ 6 نەپەر چارۋىچىنىڭ «ئوپۇل-توپۇل» سوتلىنىپ، ئۇلارنىڭ ئۆزىنى يېتەرلىك ئاقلىشىغا يول قويۇلمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەركىزى نيۇ-يوركتىكى جەنۇبىي موڭغۇلىيە كىشىلىك ھوقۇق ئۇچۇر مەركىزىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، دائىرىلەر قوراللىق ساقچىلارنى يۆتكەپ كېلىپ، تۇتقۇنلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتنىڭ سوت مەيدانىغا كىرىشىنى توسقان. ساقچىلار تۇتقۇنلاردىن بىرىنىڭ ئايالىنى ئۇرۇپ ئايلاندۇرۇۋەتكەن.

مەزكۇر تەشكىلات يەنە، تەپتىش دائىرىلىرىنىڭ سوتتا بۇ كىشىلەرنى ئەيىبلەشكە يېتەرلىك دەلىل ئوتتۇرىغا قويالمىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، سوتنى «قارارى ئالدىنئالا چىقىرىپ بولۇنغان تىپىك ساختا سوتلارنىڭ بىرى» دەپ تەنقىد قىلدى.