موڭغۇلىيىدە چەتئەل كارخانىلىرىغا قارشى نامايىش بولدى

بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، موڭغۇلىيەنىڭ پايتەختى ئۇلانباتور شەھىرىدە 30-مارت كۈنى خەلق نامايىشى بولغان.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ خىلدىكى نامايىش موڭغۇلىيەدە كەمدىن-كەم كۆرۈلىدىغان بولۇپ، بۇ قېتىم موڭغۇلىيىدىكى چەتئەل شىركەتلىرىگە بېرىلگەن دۆلەت بايلىقىنى قېزىش جەھەتتىكى ئالاھىدە ئىمتىيازلار ئاساسىي نارازىلىق ئوبيېكتى بولغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئىككى مىڭدىن ئارتۇق كىشى چارشەنبە كۈنى پايتەختتىكى «ئەركىنلىك مەيدانى» دا توپلىنىپ پارلامېنتنى تارقىتىۋېتىش، يېڭى ھۆكۈمەت تەشكىللەش ھەمدە دۆلەت ئىقتىسادىنى ياخشىلاش قاتارلىقلارنى تەلەپ قىلغان. «بايلىقىمىز چەتئەللەرگە ئېقىپ كېتىۋاتىدۇ. بۇ پۇللار نەگە كەتتى؟» دەپ سوئال قويۇشقان نامايىشچىلار دۆلەت ئېكىسپورتىنىڭ 94 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدىغان قېزىلما بايلىقلارنى خىتاي، ياپونىيە ۋە ئاۋسترالىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى شىركەتلەرنىڭ تالان-تاراج قىلىۋاتقانلىقىدىن شىكايەت قىلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، ئۈچ مىليون نوپۇسقا ئىگە موڭغۇلىيىدە بىر مىليون كىشى نامرات ھالەتتە ياشايدىكەن.