«جۇڭگودىن قېچىشقا ئۇرۇنغان موڭغۇل» غا قاماق جازاسى بېرىلگەن

ئىچكى موڭغۇلدىكى «ئوردۇس تىبەت - موڭغۇل تېبابەتچىلىك مەكتىپى» نىڭ قۇرغۇچىسى باتزانگا 13 - ئاپرېل گۇاڭجۇدا قولغا ئېلىنىپ، ئوردۇس ئەدلىيە تارماقلىرى تەرىپىدىن 3 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.

مەركىزى نيۇ - يوركتىكى جەنۇبىي موڭغۇلىيە كىشىلىك ھوقۇق ئۇچۇر مەركىزىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، باتزانگا ئايالى ۋە ئىككى بالىسى بىلەن قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن، ئوردۇس شەھىرىگە ياللاپ ئاپىرىلغان. دائىرىلەر 27 - ئاپرېل باتزانگانى خىتايدىن قېچىشقا ئۇرۇنغان، دەپ قاراپ، بۇرۇن ئۇنىڭغا بېرىلگەن 3 يىللىق كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىش جازاسىنى بىكار قىلىپ، قاماق جازاسىنى دەرھال ئىجرا قىلىشقا بۇيرۇغان.

باتزانگا 2009 - يىلى ئائىلىسىنى ئېلىپ قانۇنلۇق يوللار بىلەن تاشقى موڭغۇلغا چىققان ۋە ب د ت مۇساپىرلار ئىدارىسىنىڭ تاشقى موڭغۇلدا تۇرۇشلۇق ئىشخانىسىدىن پاناھلىق سورىغان ئىدى.

باتزانگانىڭ پاناھلىق رەسمىيىتى بېجىرىۋاتقاندا تاشقى موڭغۇل دائىرىلىرى ئۇنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. خىتاي ساقچىلىرى باتزانگانى 2009 - يىلى 9 - ئايدا خىتايغا قايتۇرۇپ كەتكەن ئىدى. خىتاي ئەدلىيە تارماقلىرى 2011 - يىلى 1 - ئايدا ئۇنىڭغا كېچىكتۈرۈپ 3 يىللىق قاماق جازاسى بەرگەن.

بۇ قېتىم ئۇ ئائىلىسىنى ئېلىپ گۇاڭجۇغا كەلگەندە «جۇڭگودىن قېچىشقا ئۇرۇنغان» دەپ قارىلىپ قولغا ئېلىنغان.