مورىي قازاق ئاپتونوم ناھىيىسىدىكى دېھقانلارنىڭ يېرى مەجبۇرىي تارتىۋېلىنغان

مورىي قازاق ئاپتونوم ناھىيىسىدىكى دېھقانلارغا ئائىت 2400 مو يەرنىڭ يەرلىك دائىرىلەر تەرىپىدىن تارتىۋېلىنغانلىقى خەۋەر قىلىنماقتا.

ئۇيغۇر بىز تورىنىڭ تيەنيا ناملىق مۇنازىرە بېتىدە ئېلان قىلىنغان ئىنكاسقا ئاساسەن خەۋەر قىلىشىچە،، مورىدىكى يەرلىك دائىرىلەر دېھقانلارنىڭ 2400 موغا يېقىن يېرىنى مەجبۇرىي تارتىۋالغاننىڭ ئۈستىگە، مو بېشىغا تولۇقلاپ بېرىلىدىغان 32 مىڭ سوم تۆلەم پۇلنىمۇ تولۇق ئاتچوت قىلمىغان. يەرلىك ساقچى ئورگانلىرى مەجبۇرىي يەر تارتىۋېلىشقا بىۋاستە قاتناشقان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، مورىدا يۈز بەرگەن ۋەقە ئەھۋال پاكىتلىرى بىلەن ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھۆكۈمەت ئاۋازى بولغان تەڭرىتاغ تورىنىڭ مۇلاھىزە سەھىپىسىگە ۋە خىتايدىكى يوۋكۇ تورىغا قويۇلغان بولسىمۇ، ناھايىتى تېزلىك بىلەن سەھىپىدىن ئۆچۈرۈۋېتىلگەن.

ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدىن كېلىۋاتقان ئىنكاسلاردىن قارىغاندا، 2010 - يىلىدىكى شىنجاڭ خىزمىتى يىغىنىدا ئۇيغۇر ئېلى 19 ئۆلكىگە بۆلۈپ بېرىلگەندىن بۇيان ئىچكىرىدىن چىققان خىتاي شېركەتلىرى ھەدەپ يەر ئىگىلەپ، تۈرلۈك قۇرۇلۇش باھانىلىرى بىلەن دېھقانلارنى يەرسىز، ئۆي - ماكانسىز قويۇشقا باشلىغان. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت بۇنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پىلانلىق قىلىۋاتقان ھەرىكىتى ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ زېمىننىڭ ئەسلى ئىگىلىرى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ يەرگە ئىگىدارچىلىق قىلىش ھوقۇقىنىڭ قانۇنىي ئاساسىنى يوق قىلىشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.