ئامېرىكا ئاۋازى ۋە باشقا چوڭ تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دۇنيادىكى مۇستەقىللىق تەلەپ قىلىۋاتقان مىللەتلەرنىڭ 35 تەشكىلات ۋەكىللىرى 21-سېنتەبىر كۈنى موسكۋاغا تەكلىپ قىلىنىپ يىغىن ئاچقان.
تاراتقۇلار، يىغىن كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغىمۇ تەكلىپنامە ئەۋەتكەنلىكىنى، لېكىن ئۇ يەردىن ھېچكىمنىڭ يىغىنغا كەلمىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
بۇ يىغىننى رۇسىيە پرېزىدېنتى پۇتىننىڭ ھىمايىسىدىكى «رۇسىيە يەرشارىلىشىشقا قارشى ھەرىكەت تەشكىلاتى» ئۇيۇشتۇرغان.
«مىللەتلەر ئارا دىئالوگ، مىللەتلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى ۋە كۆپ قۇتۇپلۇق دۇنيا بەرپا قىلىش» دەپ نام بېرىلگەن بۇ يىغىغا ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي قىسمىدىكى رۇس بۆلۈنمە كۈچلىرى، ئىسپانىيەدىكى كاتالان مۇستەقىللىق تەرەپدارلىرى، شىمالىي ئىرلاندىيە تەشكىلاتلىرى، ئامېرىكىنىڭ ھاۋاي شتاتىدىكى يەرلىك خەلقلەر تەشكىلاتى بولۇپ، 35 تەشكىلات ۋە ھەرىكەتنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشقان.
تاراتقۇلارنىڭ «رۇسىيە سودىگەرلىرى گېزىتى» دىن نەقىل كەلتۈرۈشىچە، «جۇڭگونىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئەربابلارنىڭ تەكلىپنامە تاپشۇرۇپ ئالغانلىقى، ئەمما ئۇلارنىڭ يىغىنغا كەلمىگەن» لىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
تاراتقۇلار يەنە مەزكۇر يىغىننى ئۇيۇشتۇرغۇچى تەشكىلات باشلىقى ئىئونوفنىڭ چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىغا تەكلىپنامە ئەۋەتكەن ياكى ئەۋەتمىگەنلىكى ھەققىدە گەپ قىلىشتىن ئۆزىنى قاچۇرغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
كۆزەتكۈچىلەر، پۇتىن ۋە قول ئاستىدىكى رۇسىيە دائىرىلىرىنىڭ پەردە ئارقىسىدا تۇرۇپ مەزكۇر يىغىننى ئۇيۇشتۇرۇش ئارقىلىق يەنە بىر قېتىم سىياسىي ئويۇن ئويناۋاتقانلىقىنى تەكىتلىمەكتە.