موسكۋادا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇكرائىنا كرىزىسى سۆھبىتىنىڭ ئىجابىي بولغانلىقىنى مەلۇم

مۇخبىرىمىز جۈمە
2015-02-07
Share


جۈمە كۈنى موسكۋادا ئۇچراشقان گېرمانىيە، فرانسىيە ۋە رۇسىيە رەھبەرلىرى ئۇكرائىنا كرىزىسىنى ھەل قىلىش سۆھبىتىنىڭ ئىجابىي بولغانلىقىنى، ئۇكرائىنا مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا روھلۇق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشتى.

جۈمە كۈنى گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل، فرانسىيە پرېزىدېنتى فرانسۋا ھوللاند ۋە رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادمىر پۇتىنلار كرېمىل سارىيىدا 5 سائەت يېپىق سۆھبەت ئۆتكۈزگەن ئىدى.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، مېركېل خانىم بىلەن ھوللاند ئەپەندىم موسكۋاغا بىر تىنچلىق پىلانىنى ئېلىپ كەلگەن بولۇپ، ھازىرچە بۇ پىلان ئاخباراتقا ئاشكارىلانمىدى.

ھوللاند ئەپەندىمنىڭ ئېيتىشىچە، پىلاندا ئۇكرائىنا ئىچىدىكى ئالدىنقى سەپنىڭ 50 دىن 70 كىلومېتىرغىچە قىسمىنى ھەربىيسىزلەشتۈرۈش مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلغانكەن.

ئۆتكەن بىر نەچچە ئايدىن بۇيان ئۇكرائىنانىڭ لۇگانسك ۋە دۇنيېتسكى رايونلىرىدا داۋام قىلىۋاتقان قوراللىق توقۇنۇشلاردا 5 مىڭ 400 ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكى تەخمىن قىلىنغان.

ئۇكرائىنا ۋە غەرب ئەللىرى شەرقىي ئۇكرائىنا رايوندا بىر قىسىم رۇس ئەسكەرلىرىنىڭمۇ جەڭ قىلىۋاتقانلىقى، رۇسىيەنىڭ بۇ يەردىكى مۇستەقىلچىلەرگە ھەربىي ياردەم بېرىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكەن بولسىمۇ، رۇسىيە بۇنى ھازىرغىچە تەن ئالماي كەلمەكتە.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت