يەكشەنبە كۈنى، رۇسىيە پايتەختى موسكۋادا زور ساندىكى ئادەمنىڭ نامايىش قىلىپ يۈرۈش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، مەزكۇر يۈرۈش پائالىيىتى بۇنىڭدىن ئىككى يىل ئىلگىرى، يەنى 2015-يىلى، 27-فېۋرال كۈنى نامەلۇم جىنايەتچىلەر تەرىپىدىن سۈيىقەست بىلەن ئۆلتۈرۈلگەن مەشھۇر ئۆكتىچى سىياسىيون بورىس نېمسوۋنى خاتىرىلەشنى مەقسەت قىلغان.
ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئەينى ۋاقىتتا پرېزىدېنت ۋلادىمىر پۇتىنغا قارشى ئۆكتىچى رەھبەرلىرىدىن بىرى ھېسابلانغان بورىس نېمسوۋنى خاتىرىلەشكە قاتناشقان كىشىلەرنىڭ سانى ھەققىدە تۈرلۈك ئۇچۇرلار مەۋجۇت بولۇپ، پائالىيەتنى تەشكىللىگۈچىلەر 30 مىڭ ئادەم قاتناشتى دېسە،يەنە بەزىلەر 15 مىڭ ئادەم قاتناشتى دېگەن، ئەمما ساقچى تەرەپ بولسا، 5 مىڭ ئادەمنىڭ بۇ پائالىيەتكە ئىشتىراك قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. پائالىيەت قاتناشقۇچىلىرى كرېمل ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسەتلىرىنى ۋە رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قاراتقان مۇداخالىيىسىنى تەنقىد قىلىدىغان كۆپ ساندىكى پلاكاتلار ۋە باشقا تەشۋىقات بويۇملىرىنى كۆتۈرۈشكەن.
ئۆكتىچىلەر رەھبەرلىرى ھۆكۈمەتتىن بورىس نېمسوۋنىڭ ئۆلتۈرۈلۈش دېلوسىنى ئېنىقلاپ ئاشكارىلاشنى تەلەپ قىلغان بولۇپ،مەزكۇر پائالىيەتكە رۇسىيەدىكى ئالتە ئۆكتىچى پارتىيە ئەزالىرى ئىشتىراك قىلغان ئىكەن.
پرېزىدېنت پۇتىن ھاكىمىيەتنى ئىگىلىگەن ۋە قىرىمنى ئىگىلەپ، ئۇكرائىنا كرىزىسى كېلىپ چىققاندىن كېيىن، رۇسىيە ئىچىدىكى ئۆكتىچىلەر ۋە خەلقئارالىق ھوقۇق تەشكىلاتلىرى كرېملنىڭ رۇسىيەدىكى دېموكراتىك ھوقۇقلارغا ئېغىر دەخلى-تەرىز قىلغانلىقى، ئۆكتىچى پىكىردىكىلەرگە زەربە بېرىۋاتقانلىقىنى تەنقىد قىلماقتا،