قاتتىق قار سەۋەبىدىن موسكۋا ئايرودرومىدا ئايروپىلانلار ئۇچالماي قالدى


11 - يانۋار كۈنى موسكۋادا ياققان قاتتىق قار سەۋەبىدىن موسكۋا شەھىرىدىكى «دومودېۋو»، «ۋمۇكوۋا»، «ېرىمېتوۋا» قاتارلىق ئايروپورتلاردىن ئۇچىدىغان ۋە بۇ ئايروپورتلارغا قونىدىغان 70تىن ئارتۇق خەلقئارالىق ۋە دۆلەت ئىچى نۆۋەتچى ئايروپىلانلىرى ئۇچۇش ۋە قونۇشتىن توختاشقا مەجبۇر بولغان.

رۇسىيەنىڭ «رېگنۇم» تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 11 - يانۋار كۈنىدىكى بۇ قاتتىق قارنىڭ كەچتە سەل ئازلاپ، 15 سانتىمېتىردىن 10 سانتىمېتىرغا چۈشۈشى پەرەز قىلىنغان بولۇپ، موسكۋا شەھىرى ھۆكۈمىتى شەھەردىكى قارلارنى تازىلاش 4 مىڭ قار تازىلاش ماشىنىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 15 مىڭ قار تازىلاش ماشىنا - ئۈسكىنىلىرى ئىشقا سالغان.

رۇسىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 11 - يانۋاردىكى موسكۋانىڭ سوغۇقلۇق دەرىجىسى 1941 - يىلىدە يۈز بەرگەن سوغۇق دەرىجىسى بىلەن ئوخشاش بولغان.

قاتتىق قار سەۋەبىدىن 130 يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ موسكۋادا كېچىكىش ۋەقەسى ئۆتكەن يىلى دېكابىر ئېيىدا بىر قېتىم يۈز بەرگەن ئىدى.