23-سېنتەبىر رۇسىيە پايتەختى موسكۋادا ياۋروپادىكى ئەڭ چوڭ جامى دەپ قارالغان موسكۋا مەركىزىي جامىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى، جامىنىڭ ئېچىلىشى پۈتكۈل مۇسۇلمان دۇنياسى بۇ يىللىق قۇربان ھېيتنى قۇتلۇقلاشقا ھازىرلانغان پەيتلەرگە توغرا كەلدى.
10 مىڭ كىشى سىغىدىغان، 3 قەۋەتلىك بۇ كۆركەم مەسچىتنىڭ يوپۇقىنى رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن بىلەن رۇسىيەنىڭ باش مۇپتىسى راۋىل غەينىدىن بىرلىكتە ئاچتى.
ئېچىلىش مۇراسىمىغا تۈركىيە پرېزىدېنتى رەجەپ تاييىپ ئەردۇغان، پەلەستىن پرېزىدېنتى مەھمۇد ئابباس قاتارلىق چەتئەل رەھبەرلىرىمۇ ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن قاتناشتى.
ئېچىلىش نۇتقىنى سۆزلىگەن رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن مەزكۇر جامىنىڭ ئوخشىمايدىغان دىن ۋە ئېرىقىدىكى كىشىلەرنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇش ئىدېئولوگىيەسى ئۈستىگە قۇرۇلغان بىر دۆلەت ئۈچۈن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
مەلۇم بولۇشىچە نۆۋەتتە موسكۋادا 4 جامى بار بولۇپ، بۇلار موسكۋانىڭ بارغانچە كۆپىيىۋاتقان مۇسۇلمان جامائىتىنى سىغدۇرۇپ كېتەلمەيدىكەن.
بۇ يىللىق قۇربان ھېيت نامىزىغا موسكۋادا يېڭى ئېچىلغان مەسچىتكە 60 مىڭغا يېقىن ئادەم كېلىشى تەخمىن قىلىنماقتا ئىكەن.