مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرىنىڭ تۆلىگەن بەدەللىرى دىققەت قوزغىماقتا

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2021.06.10

يېقىنقى مەزگىللەردىن بۇيان خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇشنىڭ بىۋاستە زىيانكەشلىگە ئۇچراۋاتقان ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ۋە باشقا يېقىنلىرىنىڭ كۈلپەتلىرى ئۈچۈن چەت ئەللەردىكى كۆپلىگەن ئۇيغۇرلار كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىققان ئىدى. تۇتقۇن قىلىنغان ئائىلە ئەزالىرى ئۈچۈن گۇۋاھلىق بەرگەن بۇ ئۇيغۇرلار گەرچە چەت ئەللەردە ياشاۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «ئىنتىقام ئېلىشى» دىن خالاس بولالمىغانلىقى، يېقىندىن بۇيان يېڭىۋاشتىن دىققەت قوزغاشقا باشلىدى. 

«كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى» خىتاي بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى سوفى رىچاردسون خانىمنىڭ 9-ئىيۇن كۈنى ئۆزلىرىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى ماقالىسىدە مۇشۇ مەسىلە يەنە بىر قېتىم ئەسلىتىپ ئۆتۈلدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، زور بىر تۈركۈم پىداكار ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرىنىڭ يۇرتلىرىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن بولغان ئەڭ ئەقەللىي ئالاقىلىشىش ھەقلىرى تارتىۋېلىنغان بولسا، يەنە بىر تۈركۈم ئۇيغۇر داۋاگەرلىرىنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى تۈرلۈك باھانىلەر بىلەن ئېغىر قاماق جازالىرىغا ھۆكۈم قىلىنماقتا ئىكەن.

سوفى رىچاردسون خانىم بۇنىڭغا مىسال قاتارىدا دولقۇن ئەيسا، روشەن ئابباس، گۈلچېھرە خوجا قاتارلىقلارنى مىسال ئالىدۇ. بولۇپمۇ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسانىڭ لاگېردا ئۆلۈپ كەتكەن ئانىسى ئايخان مەمەت ۋە 86 يېشىدا ۋاپات بولغان دادىسى ئەيسا مەمەتنىڭ ئۆلۈم خەۋىرىنى نەچچە يىللاردىن كېيىن ئاڭلىغانلىقى، ئىنىسى خۇشتارنىڭ ئاتالمىش «تېرورلۇق» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى، ۋاشىنگتون شەھرىدىكى ئۇيغۇر ھەركىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى روشەن ئابباسنىڭ پېنسىيەگە چىققان ھەدىسى گۈلشەن ئابباسنىڭ 20 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ. ئۇ بۇ «روھىي جازا» لارنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر داۋاسى ئۈچۈن تۆلىگەن ئېغىر بەدەللىرىنىڭ بىر قىسىمى ئىكەنلىكىىنى كۆرسىتىپ ئۆتىدۇ.

سوفى رىچاردسون خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇشۇ خىلدىكى «يىراقتىن قىساس ئېلىش» ھەركىتى توغرىسىدا رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، «بۇ ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىنمايدىغان بىر ھاكىمىيەت ئىكەنلىكىنىڭ ئەڭ روشەن ئىسپاتى» دەپ كۆرسەتكەن ئىدى. 

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.