مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ھەققىدىكى «ئىبرەت فىلىم» لەرگە ئىنكاس قايتۇردى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2021.08.03

ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق چەتئەللەردە كۈچلۈك تەنقىدلىنىۋاتقاندا خىتاي ھۆكۈمىتى لاگېرلارغا قامالغان بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ راستىنىلا «جىنايەتچى» ۋە «تېررورچى» ئىكەنلىكىنى «ئىسپاتلاش» ئۈچۈن بۇ كىشىلەرنىڭ قانداق «تېررورلۇق» ھەرىكەتلىرىگە باغلىنىشلىق ئىكەنلىكىنى، خىتاينىڭ بولسا راستىنىلا بىر «قانۇن دۆلىتى» ئىكەنلىكىنى «ئىبرەت فىلىملىرى» ئارقىلىق ئوتتۇرىغا ئېلىپ چىققانىدى.

2021-يىلى ئاپرېل ئېيىدا ئاشكارا تارقىتىلغان «كۆلەڭگىدىكى جەڭ» تېمىسىدىكى «ئىبرەت فىلىملىرى» نىڭ بىرىدە ئالاھىدە ئورۇن بېرىلگەن يۇقىرى دەرىجىلىك ئۇيغۇر شەخسلەرنىڭ بىرى شىرزات باۋۇدۇن ۋە ئۇنىڭ «تېررورلۇق» قىلمىشىنى ئىقتىسادىي ياردەم بىلەن تەمىن ئەتكەن ئاكا-ئۇكا ئۇيغۇر سودىگەر ئابلىمىت ئابابەكرى ۋە ئابدۇلئەخەت ئابابەكرى ئىدى. فىلىمدا ئۇلار «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» نىڭ ئەزالىرى، دېيىلىدۇ ھەمدە تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە بىر مىليون دوللاردىن ئارتۇق ئىقتىسادىي ياردەم قىلغانلىقى ئېيتىلىدۇ. يېقىندا ئەنە شۇلارنىڭ مۇھاجىرەتتىكى پەرزەنتلىرىدىن دىلسار ۋە ئابدۇسالام «ئىرېلاندىيە ۋاقتى» گېزىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئاتا-ئانىسىنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى ئاڭلاتتى. ئۇلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلارنىڭ دادىسى ۋە تاغىسى ھېچقاچان ھېچقانداق تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قاتنىشىپ باقمىغانىكەن.

مەزكۇر «ئىبرەت فىلىملىرى» دە كۆرسىتىلگەن يەنە بىر ئۇيغۇر زىيالىيسى ۋاھىتجان ئوسمان بولۇپ، ئۇنىڭ تۈركىيەدىكى پەرزەنتى ئايقانات ۋاھىتجانمۇ دادىسىنىڭ ئۇيغۇرچە دەرسلىك كىتابلىرىغا «تېررورلۇق» مەزمۇنىدىكى تېكىستلەرنى كىرگۈزگەنلىكىنى «پۈتۈنلەي تۆھمەت» دېگەن. فىلىمدا ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان يەنە بىر كىشى مائ‍ارىپ نازارىتىنىڭ سابىق نازىرى ئابدۇرازاق سايىم بولۇپ، ئۇنىڭ مۇھاجىرەتتىكى قىزىمۇ دادىسى ھەققىدىكى بايانلارنىڭ پۈتۈنلەي ئويدۇرۇپ چىقىلغان تۆھمەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. ئۇ بۇ ھەقتە مۇخبىرلارغا سۆز قىلىپ «بۇ كىتابلارنىڭ ھەممىسى ھۆكۈمەتنىڭ رۇخسىتىنى ئالغاندىن كېيىن نەشر قىلىنغان. ئەمدى ئۇلار بىر ئۆرۈلۈپلا بۇلارنى تېررورلۇققا قۇتراتقۇلۇق قىلغان، دەپ ئەيىبلەۋاتىدۇ. بۇ زادىلا ئەقىلگە سىغمايدىغان بىر ئىش» دېگەن.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ ئىبرەت فىلىمىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ۋە كادىرلىرىنىڭ مۇھاجىرەتتىكى پەرزەنتلىرى 2017-يىلىلا ئۇلارنىڭ لاگېرلارغا ۋە تۈرمىلەرگە ئېلىپ كېتىلگەنلىكىنى بىلگەن بولسىمۇ ئۇلارغا ئاۋارىچىلىك بولماسلىقى ئۈچۈن ۋاقتىنچە سۈكۈت قىلغانىكەن. ئەمما ئارىدىن تۆت يىل ئۆتكەندە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى يۇقىرى پەللىگە چىقىرىشى ئاخىرى ئۇلاردىكى سۈكۈتنى بۇزغان. ئايقانات بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ «مەن دادام ھۆرلۈككە چىققۇچە بۇ يولدىن قايتمايمەن. چۈنكى بىر پەرزەنت بولۇش سۈپىتىم بىلەن دادامنىڭ بۆلگۈنچى ياكى تېررورچى ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلاش مەجبۇرىيىتىم بار» دېگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.