خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنى زور كۈچ بىلەن پايلاۋاتقانلىقى دىققەت قوزغىدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2019.12.12

ئۇيغۇر دىيارىدىكى تورلاشقان نازارەتنىڭ ئاللىقاچان خىتاي چېگراسىدىن ھالقىپ چىققانلىقى كۆپ تەرەپلەردىن مەلۇم بولماقتا. بولۇپمۇ چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرنىڭ بۇنىڭدا نۇقتىلىق پايلاش نىشانىغا ئايلىنىشى بۇنىڭدا ئەڭ تىپىك ھادىسە ئىكەن.

«ز خەۋەر مۇلازىمىتى» تورىدا 11-دېكابىر كۈنى ئېلان قىلىنغان تىموسىي نېروزى ئىمزاسىدىكى ماقالىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەخسۇس ئامېرىكا پۇقرالىقىنى ئالغان ئۇيغۇرلارنىڭ پېيىدا بولۇۋاتقانلىقى بايان قىلىنىدۇ. ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە، يېقىندا مەلۇم بولغان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «بىرلەشمە ئۇرۇش سۇپىسى» نامىدىكى قوماندانلىق مەركىزىنىڭ ئايلىق خەۋەرنامىسىنىڭ بىرىدە «شىنجاڭدىن 1535 كىشى چەتئەل پۇقرالىقىنى ئالغان بولۇپ، بۇلار ئۆز نۆۋىتىدە بىزنىڭ ئەلچىخانىلىرىمىزغا ۋىزا ئىلتىماسى تاپشۇرغان،» دېيىلىدۇ.

يېقىندا ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى مۇتلەق ئۈستۈن ئاۋاز بىلەن ماقۇللىغان «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھەسى» دىمۇ ئامېرىكادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مۇشۇ خىلدىكى پاراكەندىچىلىككە ئۇچراۋاتقانلىقى ئالاھىدە بايان قىلىنىدۇ.

ئەنگلىيەدە نەشر قىلىنىدىغان «سىملىق خەۋەرلەر» تورىدا ئېلان قىلىنغان مورگان مېيكېرنىڭ بۇ ھەقتىكى ماقالىسىدە ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى روشەن ئابباسنىڭ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى زور تۇتقۇن ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىپ ئەتىسىلا تور بېتىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىشى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تور بېتى كۆپ قېتىملاپ نامەلۇم تور خاككېرلىرىنىڭ بۇزغۇنچىلىق خاراكتېردىكى ھۇجۇملىرىغا ئۇچرىشى تەپسىلىي بايان قىلىنىپ، «خىتاي ھازىر ئۆزلىرىنىڭ دۈشمەنلىرىگە تور دۇنياسىدا بارلىق ۋاسىتىلەردىن پايدىلىنىپ ھۇجۇم قوزغىماقتا، شۇنداقلا ئۇلارنى قاتتىق پايلىماقتا،» دېيىلىدۇ.

ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارغا ئۇچۇر يوللاپ ئۇلارنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پايدىسىغا سۆز قىلىش ياكى ئۆزلىرى خىزمەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىدىن ئايرىلىشقا قىزىقتۇرماقتا ئىكەن. «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى» تەشكىلاتىنىڭ خادىمى گرېگ فاي بۇ توغرىسىدا سۆز قىلىپ «ئىلگىرى خىتاي ھۆكۈمىتى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنى پايلاپ كەلگەن بولسا، ھازىر ئۇلار نۇقتىلىق شەخسلەرنى نىشان قىلىشقا يۈزلىنىۋاتىدۇ،» دېگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.