ئامېرىكادىكى ئېلىي ۋىزېل (Elie Wiesel) فوندى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى بىلەن بىرلىكتە چاقىرغان «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى بۇزۇش» تېمىسىدىكى مۇھاكىمە يىغىنى نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى تەرىپىدىن خەۋەر قىلىنغان.
گېزىت خەۋىرىدە نوبېل مۇكاپاتى ساھىبى، يەھۇدىي قىرغىنچىلىقىدىن ئامان قالغان يازغۇچى ئېلىي ۋىزېل نامىدا قۇرۇلغان بۇ فوندى جەمئىيەتنىڭ رەئىسى ھەم شۇنداقلا ئېلىي ۋىزېلنىڭ ئوغلى ئېلىشا ۋىزېلنى زىيارەت قىلىپ، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە ھەمدە بۇ فوندىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قىلىۋاتقان پائالىيەتلىرىنىڭ سەۋەبىنى سورىغان.
ئېلىشا ۋىزېل بۇنىڭغا جاۋابەن، 2021- يىلى ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر لاگېر شاھىتى گۈلباھار خاتىۋاجى خانىم يازغان « مەن خىتاينىڭ لاگېرىدىن قانداق قۇتۇلدۇم» ناملىق كىتابىنى ئوقۇغاندىن كېيىن ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈز بېرىۋاتقانلار بىلەن يەھۇدىي قىرغىنچىلىقىدا يۈز بەرگەنلەر ئوتتۇرىسىدا ناھايىتى زور ئوخشاشلىق بارلىقىنى ھېس قىلىپ ھەيران قالغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇ، «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىر خەلقنى يوقىتىش ئىرادىسى ماڭا دادامنىڭ سەرگۈزەشتلىرىنى ئەسلەتتى» دېگەن.
ئېلىشا ۋىزېل شۇندىن كېيىن ئۆزىنىڭ بۇ مەسىلە ھەققىدە چوڭقۇرلاپ ئىزدىنىشكە باشلىغانلىقى ۋە بۇ قىرغىنچىلىققا دىققەت تارتىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىپ كەلگەنلىكىنى ئېيتقان. ئۇ نيۇ-يوركتا ئېچىلىۋاتقان بۇ يىغىننىڭمۇ مانا بۇ تىرىشچانلىقنىڭ مەھسۇلى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ئېلىشا ۋىزېل سۆزىدە يەنە، بۇ يىغىن ئارقىلىق ئامېرىكادىكى يەھۇدىيلار ۋە مۇسۇلمانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر خىل دىنلار ۋەكىللىرىنىڭ بىر ئارىغا جەم بولۇپ ئۇيغۇر خەلقى ئۇچراۋاتقان زۇلۇمغا ئورتاق قارشى تۇرۇش ۋە ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئىرادىسىنى نامايان قىلغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ بۇنىڭدىن تولىمۇ خۇرسەن بولغانلىقىنى ئېيتقان.