بۈگۈن ئەنگلىيەدە چىقىدىغان «مۇھاپىزەتچى» گېزىتى بىر پارچە باش ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان يۇقىرى تېخنىكا بىلەن تەقىب قىلىش ۋە كونترول سىياسىتىنى «ئورۋېل سىستېمىسى» غا ئوخشاتتى.
ئورۋېل سىستېمىسى «1984» ماۋزۇلۇق كىتابنىڭ يازغۇچىسى جورج ئورۋېلنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالغان بولۇپ، بۇ سۆز ئادەتتە پۇقرالىرىنىڭ كۈندىلىك ھاياتىنى ئەڭ ئىنچىكە نۇقتىلىرىغىچە كۆزىتىدىغان، قاتتىق بېسىم ۋە كونترول ئارقىلىق كىشىلەرنى ئۆتمۈشنى ئەسلىيەلمەيدىغان، تەپەككۇر قىلالمايدىغان قىلىۋېتىدىغان ھاكىمىيەتلەرنى تەسۋىرلەش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىكەن.
«مۇھاپىزەتچى» گېزىتى بولسا خەۋىرىدە بۇ سۆزنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى تەسۋىرلەش ئۈچۈن ئىنتايىن مۇۋاپىقلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭدا مۇنداق دېيىلگەن:
«‹ئورۋېللىيان› دېگەن سۆز ئادەتتە ناھايىتى كۆپ ئىشلىتىلىدۇ. ئەمما ئۇنى شىنجاڭنى تەسۋىرلەش ئۈچۈن ئىشلىتىش ئەڭ مۇۋاپىق. ھاكىمىيەتنىڭ قاتتىق قول سىياسەتلىرى مول يەر ئاستى بايلىقىغا ئىگە بولغان بۇ زېمىندىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن كۈندىن-كۈنگە ئېغىرلاشماقتا.»
مۇھاپىزەتچى گېزىتى ماقالىسىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى تېخنىكىنىڭ بارلىق ئىمكانلىرىدىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇرلارنى قاتتىق نازارەت ئاستىغا ئېلىۋاتقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ كۈندىلىك ھاياتىنى، دىنى پائالىيەتلىرىنى چەكلەۋاتقانلىقىنى، گېن ئەۋرىشكىلىرىنى يىغىۋاتقانلىقىنى ۋە شۇنداقلا رايوندىكى ھەربىي كۈچىنى زور دەرىجىدە كۆپەيتىۋاتقانلىقىنى بايان قىلىپ: «بۇ رايوندا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان بېسىم سىياسىتى خىتاينىڭ باشقا ھېچقانداق يېرىدە يوق. ئەمما بۇ يەر مۇشۇنىڭغا ئوخشاش تەدبىرلەر سىناق قىلىنىپ ئاندىن باشقا جايلارغا كېڭەيتىلىدىغان بىر تەجرىبىخانىغا ئايلاندى. خىتاينىڭ دۇنيادا كۆزلەۋاتقان مەقسەت-نىشانلىرى كۆپىيىۋاتقان بىر شارائىتتا ئۇنىڭ بۇ تېخنىكىلىرىمۇ ئېكسپورت قىلىنىدىغاندەك تۇرىدۇ. بېيجىڭ ئۆزىنىڭ بىر بەلۋاغ بىر يول ئاساسىي قۇرۇلۇشىدىكى بۇ رايوننىڭ قوراللىق ھۇجۇملارغا يېقىنلىقىنى بىلىدۇ. شىنجاڭدا بولۇۋاتقانلار پەقەت شىنجاڭدىلا قېپ قالىدىغاندەك كۆرۈنمەيۋاتىدۇ» دەپ مۇلاھىزە قىلغان.