داڭلىق بوكسيورچى مۇھەممەد ئالىنىڭ قىزى، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشنى توختىتىشقا چاقىردى
2023.02.24
ئامېرىكانىڭ دۇنياغا داڭلىق مۇسۇلمان بوكسيورچىسى ۋە جامائەت ئەربابى مەرھۇم مۇھەممەد ئالىنىڭ قىزى مەريەم ئالى خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى باستۇرۇشنى توختىتىشقا چاقىرغان.
«ئامېرىكا ئاۋازى» رادىيوسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۆزىمۇ ئىجتىمائىي پائالىيەتچى بولغان مەريەم ئالى 22-فېۋرال كۈنى «ئامېرىكا ئاۋازى» رادىيوسىغا سۆز قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارىتا بۇ چاقىرىقتا بولغان. مەريەم ئالى مۇنداق دېگەن: «خىتاي ھۆكۈمىتى مۇسۇلمانلارنى جازالاشنى توختىتىشى كېرەك، بۇنداق قىلىش خاتا. ئۇلارنىڭ ئۆز ئېتىقادى بويىچە ئىبادەت قىلىشىغا يول قويۇلۇشى كېرەك. مەن ئۇلارنىڭ قانچىلىك كۈچى بولسا بولسۇن، مۇسۇلمانلارنى جازالىمايمۇ، ئۆزىنىڭ كۈچىنى ساقلاپ قېلىش يولى بارلىقىغا ئىشىنىمەن. ئۇلارنى جازالاش بەك ھەددىدىن ئاشقانلىق.»
مەريەم ئالى، 20-ئەسىردىكى ئەڭ داڭلىق تەنھەركەتچىلەرنىڭ بىرى، دەپ قارالغان ۋە 2016-يىلى پاركىنسون كېسىلى سەۋەبىدىن ۋاپات بولغان مۇھەممەد ئالىنىڭ 9 پەرزەنتىنىڭ ئەڭ چوڭى بولۇپ، بۇ ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارنى تۇنجى قېتىم تىلغا ئېلىشى ئەمەس. «ئامېرىكا ئاۋازى» رادىيوسىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، مەريەم ئالى، ئەگەر دادىسى شى جىنپىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ مۇسۇلمانلارغا قىلغان زۇلۇمى ۋە زىيانكەشلىكلىرىنى بىلسە، بۇنىڭغا چوقۇم قارشى تۇرۇدىغانلىقىنى ئېيتقان. مۇھەممەد ئالى 1979-يىلى ئامېرىكا بىلەن خىتاي دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن كېيىن، خىتاينى زىيارەت قىلىشقا تەكلىپ قىلىنغان.
ئۇ ئەينى ۋاقىتتا سابىق خىتاي رەھبىرى دېڭ شياۋپىڭ بىلەن كۆرۈشكەندە، خىتاينىڭ 20 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بېرى بوكس تەنتەربىيەسىگە قويغان چەكلىمىسىنى بىكار قىلىشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى. مەريەم ئالى دادىسىنىڭ «قۇرئان» دا دېيىلگەنلەرگە ئىشەنگەنلىكى، «قۇرئان» دا «دىندا زورلاش يوق» دېيىلگەنلىكى، كىشىلەرنى ئۆلتۈرۈشكە ۋە ئۇلارغا بېسىم قىلىپ زورلاشقا بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «ئەمەلىيەتتە ئىستىبدات ھۆكۈمەتلەر ئەركىن پىكىر قىلغۇچىلارنى خالىمايدۇ» دېگەن.