ئۇيغۇر دىيارى خىتاينىڭ تاشقى سودا ئېكىسپورتىدا مۇھىم بازىلاردىن بولماقتا

خىتاي ھۆكۈمىتى باشقۇرۇشىدىكى «خەلق تورى» نىڭ 19-مارتتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ۋە پارتكوم سېكرېتارى ما شىڭرۇي ئالدىنقى كۈنى قازاقىستان سودا مىنىستىرى ئالماسادام سەتقالىيېۋ (Almasadam Sätqaliev) بىلەن ئۈرۈمچىدە مەخسۇس سۆھبەتلەشكەن. سۆھبەتتە ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ ئارزۇسى بويىچە خىتاي-قازاقىستان مۇناسىۋىتىنى، بولۇپمۇ ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى سودا مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش مۇھىم مۇزاكىرە تېمىسى بولغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ما شىڭرۇي ئالاھىدە قىلىپ خىتاي-قازاقىستان مۇناسىۋىتىنى ھەر ئىككى تەرەپ ئۈچۈن مەڭگۈلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىگە ئايلاندۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىنى، بۇنىڭدا ئۇيغۇر دىيارىنىڭ مۇھىم سودا شېرىكى بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن. شۇنىڭدەك «پارتىيەمىز يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش سىياسىتىنى تولۇق ۋە كەڭ كۆلەملىك ئىجرا قىلىۋاتقاندا، بۇ رايون ‹بىر بەلۋاغ بىر يول قۇرۇلۇشى›نىڭ يادرولۇق رايونى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى ئۈچۈن كۆۋرۈكلۈك رول ئوينايدۇ» دېگەن. بۇنىڭ بىلەن، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي ساھەنى چۆرىدىگەن ھەمكارلىق ۋە دوستلۇقنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ كۈچىيىدىغانلىقىدىن بېشارەت بېرىلگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن بولغان سودا پائالىيەتلىرى ئۆزبېكىستاندىمۇ تېزدىن جانلىنىۋاتقان بولۇپ، «ئۆزبېكىستان-خىتاي (شىنجاڭ) سودا يەرمەنكىسى» 30-مارتتىن 1-ئاپرېلغىچە تاشكەنت شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىكەن. خىتاي باشقۇرۇشىدىكى «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ بۇ يەرمەنكە توغرىسىدا بەرگەن خەۋىرىدە، «شىنجاڭدىكى ۋە شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن شىركەتلەر ئۈچۈن بۇ بىر قېتىملىق زور سودا پۇرسىتى» دېيىلگەن.

«شىنخۇا ئاگېنتلىقى» نىڭ 19-مارتتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ تاشقى سودا مىقدارى 2024-يىلىنىڭ ئالدىنقى ئىككى ئېيىدا ئۆتكەن يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا 51 پىرسەنتتىن كۆپرەك ئاشقان. 63 مىليارد سومدىن كۆپرەك (تەخمىنەن توققۇز مىليارد ئامېرىكا دوللىرى) تاشقى سودا مىقدارىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش جۇمھۇرىيەت بىلەن بولغان سودا پائالىيەتلىرىنى مەنبە قىلغان.

يېقىندىن بۇيان خىتاينىڭ تاشقى دۇنيا بىلەن بولىدىغان سودا پائالىيەتلىرى ئوخشىمىغان چەكلىمىلەرگە ۋە جازا تەدبىرلىرىگە دۇچ كېلىۋاتقاندا، ئۇيغۇر دىيارى ئۇلارنىڭ مۇھىم ئىشلەپچىقىرىش بازىسى ۋە تاشقى سودا كۆزنىكى بولۇپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا ئۇيغۇر دىيارىدا «ئەركىن سودا سىناق رايونى» قۇرۇلۇشىنى باشلىغان بولۇپ، بۇنىڭدىمۇ ئۇيغۇر دىيارىنى بازا قىلغان ھالدا ياۋروپا بازىرىغا كېڭىيىش ئاخىرقى نىشان قىلىنغان، دەپ قارالماقتا.