خىتاي «خەلق گېزىتى» تورىنىڭ 18-سېنتەبىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى زور كۈچ بىلەن تارىم دەريا ۋادىسىنىڭ مۇھىتىنى ياخشىلاشقا كىرىشكەن. ئەمما تۈرلۈك ئۇچۇرلار بۇنىڭ «خەلق ئاممىسىغا غەمخورلۇق قىلىش» نى ئەمەس، ئەكسىچە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تېخىمۇ كۆپ خىتاي نوپۇسنى يۆتكەش ئېھتىياجىدىن بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرسەتمەكتە.
ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەڭ ئۇزۇن دەريا بولغان تارىم دەرياسى 2486 كىلومېتىر كېلىدىغان بولۇپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يېرىم دېگۈدەك ئاھالىسىنى تەمىنلەۋاتقان بۇ دەريا ئېغىر دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغانىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا ئورۇنلاشتۇرغان بىڭتۈەنگە ئەڭ ياخشى يەر ۋە سۇ بايلىقىنى تەقسىملەپ كەلگەنلىكى مەلۇم. بۇ بىڭتۈەنلەر بولسا ھەر قايسى چوڭ دەريا ۋە ئېقىنلارنىڭ باش مەنبەسىنى بوغۇپ، سۇ بويلىرىغا شەھەر-بازارلارنى قۇرۇپ، زاۋۇتلارنى سېلىپ كەڭ كۆلەمدە كېڭىيىشكە باشلىغانىدى. 2000-يىللارغا كەلگەندە تارىم دەرياسى سۈيىنىڭ ئېغىر بۇلغىنىپ، سۇ مىقدارىنىڭمۇ ئازلاپ كەتكەنلىكى مەلۇم بولغانىدى.
2019-يىلدىن بۇيان خىتاي بۇ رايونغا تېخىمۇ كۆپ خىتاي ئاھالىسىنى جەلپ قىلىش ئۈچۈن مۇھىتنى ياخشىلاشنى، بۇنىڭ ئۈچۈن ئالدى بىلەن سۇ بايلىقىدىن تولۇق پايدىلىنىشنى كۆزلەپ، تارىم دەرياسى ئېكولوگىيەسىنى تۈزەشكە باشلىغان؛ بۈگۈر ناھىيەسىدە 129 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتا توغراقلىق ئېرىقى قازدۇرغان، 56 ئورۇنغا دامبا (توغان) سالغان. ئۇنىڭدىن باشقا تارىم دەرياسىنىڭ ئاياغ ئېقىنىغا 35 مىليون كۇب مېتىر سۇ سىغىدىغان سۇ ئامبىرى قۇرغان. خىتاي «خەلق گېزىتى» تورىنىڭ 2023-يىل 7-ئايدا چىقارغان بىر خەۋىرىدە، تارىم دەرياسى ۋادىسىدىكى بۇلغىنىشنى ياخشىلاش ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 1.29 مىليارد دوللار مەبلەغ ئاجراتقانلىقى تىلغا ئېلىنغان.
ۋىلسون مەركىزىنىڭ «مۇھىت ۋە ساغلاملىق تەتقىقات تۈرى» ناملىق پروجېكتىنىڭ قىسقىچە تونۇشتۇرۇش ماقالىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاينىڭ قولىدىكى بۇ رايون ئەسلىدىنلا ئاتوم بومبىسى، بوز يەر ئېچىش، دەريا سۈيىنى قالايمىقان توسۇش، دەرەخ-ئورمانلارنى قالايمىقان كېسىش تۈپەيلىدىن ئېغىر بۇلغىنىشقا ئۇچرىغان بولسا، 2000-يىللارنىڭ بېشىدىن باشلاپ يولغا قويغان «غەربنى كەڭ كۆلەمدە ئېچىش» سىياسىتىنىڭ تەسىرىدە قايتا بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان ۋە ھاۋاسى ئەڭ بۇلغانغان رايونغا ئايلىنىپ قالغان.