ۋوئىسېرنىڭ «قەھرىمان ئايال مۇكاپاتى» نى تاپشۇرۇۋېلىش مۇراسىمىغا بېيجىڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرى قاتناشتى
2013.05.21
تىبەت ئايال يازغۇچىسى ۋوئىسېر ئامېرىكا تەرىپىدىن بېرىلگەن «قەھرىمان ئايال مۇكاپاتى» نى 19-ماي كۈنى بېيجىڭدىكى ئامېرىكا ئەلچىخانىسىدا تاپشۇرۇۋالدى.
يازغۇچى ۋوئىسېر ئۆزىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەت سىياسىتىنى ئەيىبلەپ يازغان بىر قاتار ئەسەرلىرى سەۋەبلىك خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن سەزگۈر شەخس دەپ قارىلىپ كېلىۋاتقان ئۆكتىچى يازغۇچى. ۋوئىسېر بۇ يىل 8-مارت كۈنى ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقى تارقاتقان 2013-يىللىق «خەلقئارا قەھرىمان ئايال مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەن بولۇپ، بۇ مۇكاپات ئۇنىڭ خىتاي چېگراسى ئىچىدىكى تىبەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋاللىرى ھەققىدە يازغان ئەسەرلىرى ئۈچۈن بېرىلگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى پاسپورت بەرمىگەنلىكى ئۈچۈن ۋوئېسېر ئەينى چاغدا مۇكاپاتنى تاپشۇرۇۋېلىش ئۈچۈن ئامېرىكىغا كېلەلمىگەن ئىدى.
ئامېرىكانىڭ بېيجىڭدىكى ئەلچىخانىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن ۋوئېسېرنىڭ مۇكاپات تاپشۇرۇۋېلىش مۇراسىمغا خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن چەتئەللەرگە چىقىشى چەكلەنگەن كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرى ۋە ئۆكتىچى زىيالىيلاردىن ۋاڭ لىشيۇڭ، ئىلھام توختى، ئەي ۋېيۋېي، خۇ جىيا قاتارلىقلار تەكلىپ بىلەن قاتناشقان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ئىلھام توختى ئەپەندى بۇ يىل 2-ئايدا ئامېرىكانىڭ ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتىغا تەتقىقاتچى ئوقۇتقۇچى بولۇپ كېلىش سەپىرىدىن توسۇپ قېلىنغان ئىدى.