«ئىنقىلابىي شەرقىي تۈركىستان» گېزىتىنىڭ ئاخىرقى مۇخبىرى مۇنىر يېرزىن ۋاپات بولدى

تاتار ۋە ئۇيغۇر ئىككى قېرىنداش خەلقنىڭ پەرزەنتى، بىر ئۆمۈر ھاياتىنى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۇستەقىل دۆلىتىنى قۇرۇش ۋە ئازادلىق كۈرەشلىرىگە ھەم ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىشقا بېغىشلىغان ئۇيغۇرشۇناس مۇنىر يېرزىن ئەپەندى 2020-يولى 29-ئىيۇن كۈنى 92 يېشىدا ئالمۇتادا ۋاپات بولدى.

مۇنىر يېرزىن ئەپەندى 1928-يىلى ئالتايدا تاتار زىيالىيسى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1942-1945-يىلى ئۈرۈمچىدىكى ئۆكىلىك خىتاي دارىلمۇئەللىمىنىدە ئوقۇغان. 1946-يىلى، 9-ئايلاردىن باشلاپ، تاكى 1947-يىلى، 8-ئايغىچە ئەخمەتجان قاسىمى كونتروللۇقىدىكى ئۇيغۇرچە، قازاقچە» شىنجاڭ گېزىتى «دە خىزمەت قىلغان، 1947-يىلى، 8-ئايدا ئەخمەتجان قاسىمىغا ئەگىشىپ غۇلجاغا كېتىپ،» ئىنقىلابىي شەرقىي تۈركىستان «گېزىتىدە تاكى 1949-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە خىزمەت قىلغان ۋە ئۈرۈمچىگە بېرىشنى رەت قىلىپ، غۇلجادا قالغان. ئۇ، 1955-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىغا كۆچۈپ كەتكەن ۋە 1967-يىلىغىچە ئالمۇتادا ئۇيغۇر تىلىدا چىقىدىغان» كوممۇنىزم تۇغى «گېزىتىدە خىزمەت قىلغان. ئۇ، 1967-يىلىدىن باشلاپ، قازاقىستان پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئۇيغۇرشۇناسلىق بۆلۈمىدە، 1986-1996-يىللىرى ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتىدا تەتقىقاتچى بولۇپ ئىشلىگەن. مۇنىر يېرزىن تۇنجى قېتىم ئۇيغۇر مەتبۇئات تارىخى ھەققىدە كاندىدات دوكتورلۇق دىسسېرتاتسىيىسى يېزىپ، تارىخ پەنلىرى كاندىدات دوكتورى بولغان ھەم ئۆمرىنىڭ 50 يىلىدىن ئارتۇق ۋاقتىنى مەخسۇس ئۇيغۇر تارىخى، ئۇيغۇر مەتبۇئات تارىخى شۇنىڭدەك يەنە تاتار تارىخى مەسىلىلىرىگە بېغىشلىغانىدى.

مۇنىر يېرزىن ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقاتى بويىچە» سوۋېت ئۇيغۇر مەتبۇئات تارىخى «قاتارلىق بىر قانچە كىتاب ۋە ماقالىلەر توپلاملىرىنىڭ ئاپتورىدۇر.

مۇنىر يېرزىن ئەپەندى ھايات ۋاقتىدا ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ» تارىخ ۋە بۈگۈن «سەھىپىسىگە كۆپ قېتىم ئۆزىنىڭ 1944-1949-يىللىرىدىكى شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابى دەۋرىدە كۆرگەن-بىلگەنلىرى ۋە بېشىدىن ئۆتكۈزگەن ھايات كەچۈرمىشلىرىنى سۆزلەپ، ئاڭلىغۇچىلاردا چوڭقۇر تەسىرات قالدۇرغانىدى. مۇنىر يېرزىن ئەپەندى ئىنقىلاب رەھبىرى ئەخمەتجان قاسىمى باشلىق مۇھىم ئەربابلار بىلەن سۆھبەتداش بولغان ۋە ئۇلارنىڭ تاپشۇرۇقلىرىنى ئورۇندىغان. ئۇ، 1946-1949-يىللىرىدىكى ئۈرۈمچى ۋە ئىلىدا يۈز بەرگەن كۆپلىگەن سىياسىي، مەدەنىيەت، ئىجتىمائىي ۋەقەلەر شۇنىڭدەك شاھىتى ۋە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىىڭ» ئىنقىلابىي شەرقىي تۈركىستان «گېزىتىنىڭ ئاخىرقى مۇخبىرى ئىدى.