يېقىندا ئۈرۈمچى شەھىرى دائىرىسىدە بىر قىسىم كادىرلار مۇقىملىق خىزمىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە مەسئۇلىيىتىنى يېتەرلىك ئادا قىلالمىغانلىقى سەۋەبى بىلەن چارە كۆرۈش جازاسىغا ئۇچرىغان.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكوم ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى مۇقىملىق خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىمىگەنلىكى سەۋەبىدىن جازا بەرگەن بەش نەپەر رەھبىرىي كادىرنىڭ ئىسمىنى ۋە جازالىنىش سەۋەبىنى كۆرسەتكەن.
«ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»نىڭ بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، جازاغا ئۇچرىغان مەزكۇر بەش كادىرنىڭ بىر نەپىرى خىتاي، قالغان تۆت نەپىرى ئۇيغۇر بولۇپ،بۇلارنىڭ ئىچىدە ئۈرۈمچى شەھەرلىك 3-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ خىتاي مەكتەپ باشلىقى بىلەن ئۇيغۇر پارتىيە سېكرېتارى«مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىگە ئەھمىيەت بەرمىگەن»، «مەكتەپكە كىرىپ-چىققانلارنى قاتتىق تەكشۈرمىگەن» دېگەندەك ئەيىبلەش بىلەن پارتىيە ئىچىدە ئاگاھلاندۇرۇش، مەمۇرىي جەھەتتىن چارە كۆرۈش خاتىرىسى تۇرغۇزۇش جازاسىغا ئۇچرىغان.
قالغان ئۈچ نەپەر ئۇيغۇر كادىرنىڭ ھەممىسى ئۈرۈمچى شەھىرىگە قاراشلىق بەزى ئىدارىلەرنىڭ مەسئۇللىرى بولۇپ، ئۇلار يەنە ھەم ئايرىم-ئايرىم ھالدا دۆڭكۆۋرۈك مەسچىتى، ياڭخاڭ مەسچىتى ۋە باشقا مەسچىتنىڭ باشقۇرۇش كومىتېتلىرىنىڭ مۇدىرىلىق ۋەزىپىلىرىنىمۇ ئاتقۇرغان ئىكەن. ئۇلار ئوخشاشلا «مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىگە ئەھمىيەت بەرمىگەن»،«مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلمىغان»، «مەسچىتنىڭ ئامانلىق باشقۇرۇش خىزمىتىنى يېتەرلىك ئىشلىمىگەن» دېگەندەك ئەيىبلەشلەر بىلەن پارتىيە ئىچىدە ئاگاھلاندۇرۇش ۋە مەمۇرىي جەھەتتىن چارە كۆرۈش خاتىرىسى تۇرغۇزۇش جازاسىغا ئۇچرىغان.
ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، تېخى يېقىندا خوتەندىمۇ 97 كادىرمۇ مۇقىملىقنى قوغداش مەسىلىلىرى تۈپەيلىدىن جازالاشقا ئۇچرىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئۇيغۇر كادىرلار ئىدى.